ۋاي چىمەن دوپپاڭ ياراشىپتۇ
ۋاي كۆرۈپ سەۋداغا ئايلاندىم
ۋاي چىمەن دوپپاڭ ياراشىپتۇ
ۋاي كۆرۈپ سەۋداغا ئايلاندىم
ۋاي چىمەندە سەيلە سەيلە قىلساممۇ
ۋاي قۇرۇپ تەنھاغا ئايلاندىم
ۋاي چىمەندە سەيلە سەيلە قىلساممۇ
ۋاي قۇرۇپ تەنھاغا ئايلاندىم
ۋاي گويا قىرىق قاراقچىدەك
ۋاي مېنى باغلار قىرىق چاچىڭ
ۋاي گويا قىرىق قاراقچىدەك
ۋاي مېنى باغلار قىرىق چاچىڭ
ۋاي چېچىڭ بوستاننى قانسۇن دەپ
ۋاي ئېقىن دەرياغا ئايلاندىم
ۋاي چېچىڭ بوستاننى قانسۇن دەپ
ۋاي ئېقىن دەرياغا ئايلاندىم
ۋاي مېنىڭ بارماقلىرىم يەڭگىل
ۋاي شامالدەك چېچىڭغا ئۇچراشسا
ۋاي مېنىڭ بارماقلىرىم يەڭگىل
ۋاي شامالدەك چېچىڭغا ئۇچراشسا
ۋاي قارا بوستاندا گۈل كۆرسەم
ۋاي بۇلبۇل گوياغا ئايلاندىم
ۋاي قارا بوستاندا گۈل كۆرسەم
ۋاي بۇلبۇل گوياغا ئايلاندىم
ۋاي بۇلبۇل گوياغا ئايلاندىم