Arranger: Abdusalam Abdurxit
بولمىسا
ئابدۇللا مەخەت
ئاھ ئۇرۇپ يىغلارمىدىم،باغرىمدا ھىجران بولمىسا.
ئەل ئاۋام كۈلمەس ئىدى،ھالىمغا ھەيران بولمىسا.
ياش تۆكۈپ يامغۇر كەبى،زارلىنىپ دەرمانى يوق،
ساق يۈرەك ئاغرىمتى يار،دەردىڭدە ۋەيران بولمىسا.
سەن بۇلۇپ قالدىڭ بىراق بالدۇرلا ئۆچكەن شام چىراغ،
تۈنلىرىڭ يانغايمۇ ئېيت كۆكسۈمدە گۈلخان بولمىسا.
نە سەۋەب بولدىكى تاڭ سۆيگۈدە خار ئەتتىڭ مېنى،
يۈرۈكۈڭ تاشكەن سېنىڭ تۇرقۇڭغۇ ئىنسان بولمىسا.
شۇنچە قىلسام بىلمىدىڭ سانسىز ئەلەمدە قالدۇرۇپ،
ياكى يات باغرىدا شاد سۈردۈڭمۇ دەۋران بولمىسا.
جان دېسەڭ جاننى بېرىپ كەلگىنىم ئاز كەلدىمۇ؟
ھەرۋاقىت بولغان ئىدىم دەردىڭگە، دەرمان بولمىسا.
مەن كەبى قىينالمىساڭ چىقمايدۇ دەردىم ئۆلگىچە،
بۇنچە دەرد تارتماس ئىدىم بىل مەندە ۋىجدان بولمىسا.