Lyrics: Hoji Matkurban
Music: Hoji Matkurban
كۈيەك
ماھىرە مەھمۇت ۋە راھىلە مەھمۇت ئورۇندايدۇ
سۆزى مۇزىكىسى:غوجى مەتقۇربان
ئاكورتلاشتۇرغۇچى:مەۋلان ئەزىمشاھ
راۋاپتا:مەمەتتۇرغۇنجان مەمەتتۇرسۇن
تەرجىمان:ئەلقۇتجان ياسىن
ۋاي كۈيەك كىمدىن قالغان بۇ كۈيەك؟
ئاغرىما دىگەن بىلەن ئۇنىمايدىكەن يۈرەك.
ۋاي كۈيەك كىمدىن قالغان بۇ كۈيەك؟
ئاغرىما دىگەن بىلەن ئۇنىمايدىكەن يۈرەك.
(مۇزىكا)
تېرەك بويدا ئوتلاپ يۈرگەن ئات كىمنى ئېتى؟
باشقا ئوت ئۆچكەن بىلەن ئۆچمەيدۇ يارنىڭ ئوتى.
ۋاي كۈيەك كىمدىن قالغان بۇ كۈيەك؟
ئاغرىما دىگەن بىلەن ئۇنىمايدىكەن يۈرەك.
(مۇزىكا)
ئېتىڭ ئېزىپ قالدىمۇ يالغۇز تېرەك بويىدا؟
مەن سېنى دىگەن بىلەن يار سەن كىمنىڭ كويىدا.
ۋاي كۈيەك كىمدىن قالغان بۇ كۈيەك؟
ئاغرىما دىگەن بىلەن ئۇنىمايدىكەن يۈرەك.
(مۇزىكا)
يار ئېتىڭنى باغلاپ باق غاجىۋالىدۇ تېرەكنى،
ئوتلارىڭ ئاندىن يامان مۇجىۋالىدۇ يۈرەكنى.
ۋاي كۈيەك كىمدىن قالغان بۇ كۈيەك؟
ئاغرىما دىگەن بىلەن ئۇنىمايدىكەن يۈرەك.