Kizimga

Lyrics: Mamatturgun Ali Music: Keram Abbas Arranger: Parasat Qaltai قىزىمغا سۆزى : مەمەتتۇرغۇن ئەلى مۇزىكىسى : كېرەم ئابباس ئاككوردلاشتۇرغۇچى : پاراسەت ناخشىدا : كېرەم ئابباس ئوماق قىزىم …… سىز ئۈچۈن كۆك ئاسمان سىزاي ، يۇلتۇزلاردىن ئىسمىڭىز يازاي . ئوماق قىزىم …… سىز ئۈچۈن باغرىمنى ئاچاي ، يوللىرىڭىزغا گۈللەرنى چاچاي . ھېكايىلەر تىزىپ بېرەي مەن سىزگە ئاتاپ ، سىزنى قانماي قانماي باغرىمغا باساي . كۈلىشىڭىز ۋۇجۇدۇمغا گوياكى ئاپتاپ ، سىزگە قانماي تۇرۇپ مەن قانداق ياشاي . ئوماق قىزىم …… سىز ئۈچۈن باغلارنى ياساي ، باغ ئىچىگە ئىسمىڭىز يازاي . ئوماق قىزىم …… سىز ئۈچۈن مۇھەببەت بولاي ، سوغۇقلاردا گۈلخاندەك ياناي . ئوماق قىزىم …… مەن سىزگە بەختىمنى سۇناي ، كۆزلىرىڭىزدىن كۈچ قۇۋۋەت ئالاي . ھېكايىلەر تىزىپ بېرەي مەن سىزگە ئاتاپ ، سىزنى قانماي قانماي باغرىمغا باساي . كۈلىشىڭىز ۋۇجۇدۇمغا گوياكى ئاپتاپ ، سىزگە قانماي تۇرۇپ مەن قانداق ياشاي . سىزگە بەختىمنى بېرەي ، بەختىڭىز كۆرەي . ھاياتىمغا مەنا بەردىڭىز قىزىم ، بارلىقىم مىنىڭ …… سىزگە قانماي مەن قانداق ياشاي ! ئوماق قىزىم سىز ئۈچۈن داۋانلار ئاشاي ، ماڭغان يوللىرىڭىزغا مەن يوللار ئاچاي . 致女儿 Lyrics: 麦麦吐尔洪·艾力 Music: 克力木·阿巴斯 Arranger: 帕热沙提.哈力台 Vocals: 克力木·阿巴斯 心肝宝贝…… 我要为你画一片蓝天, 把你的名字写在星星上, 心肝宝贝…… 我要给你的路洒上花瓣, 怀抱里充满着爱的光芒。 你是我人生中美丽的故事, 你的笑容给予我充满的力量。 每天抱你无数次觉得还不够, 你是在我脑海中温暖的太阳。 可爱的女儿... 爸爸爱你到永远, 我对你的爱就像寒冷的冬天燃烧的火焰。 可爱的女儿... 我向你献上我的幸福, 让我从你的眼神中汲取力量。 你的笑让我的心充满阳光, 我的心肝宝贝阿蒂娜! 是你给了我幸福, 我的女儿阿提娜, 我的生命是有你才能意义的!