Lyrics: anwar sarwaz
Music: Anwar Osman
Arranger: abdukadir tursun
قاقشاپ بەزى ئاياللار ھەي، ئاياللار
ئەرلىرىنى يامان دەپ، «ۋاي، يامان دەپ»
تىللايدىكەن، ھۆرمەت تېخى قىلمايدىكەن.
ئاغرىيدىغان يۈرەك ئاچچىق گەپنى دەيدۇ،
دەردلىرىنى ئاڭلىماي، «يەرگە ئۆتمەس ساپان» دەپ
ئويلايدىكەن ئۆزىچە «ئەر كىشى بولماق ئاسان» دەپتۇ.
يامان دېمەڭ ئەرلەرنى، شۇ ئاياللار،
دادىڭىزمۇ سىزنىڭ شۇنچە ئېسىل ئەر ئىدى.
دېھقان بولسا ئېرىڭىز، بىر جاپاكەش،
تىنىم تاپماي «يەر دېدى، ۋاي يەر دېدى».
كادىر بولسا ئېرىڭىز خىزمەت بىلەن،
ئۆيگە مېنىپ يۈدۈپ-يۈرۈپ چارچىدى.
قەرزى بولماس ئىنسان يوق، «قەرز پۇلنى بەر» دېدى،
ئائىلەمنىڭ بەختى دەپ ئاققۇزغىنى تەر ئىدى.
يامان دېمەڭ ئەرلەرنى، شۇ ئاياللار،
دادىڭىزمۇ سىزنىڭ شۇنچە ئېسىل ئەر ئىدى.
نېمىشقىمۇ تەگكەنسىز «ۋاي تەگكەنسىز»؟
سىزنى زورلاپ ئالغانمۇ ياكى ئالغانمۇ؟
ياكى ئاتا-ئانىڭىز «ۋاي ئاكىڭىز»
مەجبۇر قىلىپ تاڭغانمۇ ياكى تاڭغانمۇ؟
توي قىلغاندا كۆزىڭىز كۆرمەس بولۇپ قالغانمۇ؟
ئامراق بولۇپ بىر مەزگىل ئۆتكىنىڭىز يالغانمۇ؟
يامان دېمەڭ ئەرلەرنى، شۇ ئاياللار،
دادىڭىزمۇ سىزنىڭ شۇنچە ئېسىل ئەر ئىدى.
ئاڭلاپ باقماي ئولتۇرۇپ «يا ئولتۇرۇپ»،
كۆڭۈل قويۇپ سۆزىنى «ۋاي سۆزىنى»،
«ئائىلەم» دەپ، «بالام» دەپ «ۋاي بالام» دەپ،
ئاتاپ يۈرسە ئۆزىنى «ۋاي ئۆزىنى».
كايىسىلەر ھەر قاچان ماڭسىمۇ يول تۇزىنى،
ئۆزىڭىزنىڭ بەختى ئۈچۈن تۆكمەڭ ھەرگىز يۈزىنى.
يامان دېمەڭ ئەرلەرنى، شۇ ئاياللار،
دادىڭىزمۇ سىزنىڭ شۇنچە ئېسىل ئەر ئىدى.