Lyrics: Narkoz
Music: Narkoz
Arranger: Narkoz
Hiphopبىزگە تومۇر قاندا ؟
كۈندە بارسام بالىلار
ئىشخانىدا ئانام تېلېفون قىلىدۇ دەيمەن قايتىپ بارىمەن سائەت ئون بىردىن ئاشقاندا
قاقشاپ قالىمەن ، مەۋلان سورۇندىن قاچقاندا .
ساق ياكى ساراڭ ، مەن ئۇلارنىڭ نەزىرىدە
جىلە بولسام تىقىپ يەنە قەلەم دەپتەرنى كۆزىگە
كۆرۈنمەيدۇ رەپتىن باشقىسى كۆزۈمگە
تايىنىپ كەلدىم يەر ، ئاستىدا بەش يىل يەنە ئۆز ئۆزۈمگە
كېرەك ئەمەس ، تەرەپتىن باشقىسى ماڭا ئويناۋاتقىنىڭ مەندىن ئاشقىنى يەنە
تاما ناننى ئۆگىتىپ قويدى ، كىم ساڭا
مىڭ قىلساڭمۇ يېتەلمەيسەن بىزنىڭ بالىلارغا .
قوڭامدا ماشىنا ھەيدەپ يۈرۈپ ئۈرۈمچى
يانچۇق توشۇق تۇرىدۇ . بەك يامان ئىكەن ، ساراڭ گۇينىڭ قارنى
بىز چۇۋۇۋەتكەن كونا مەكتەپ تامنى
ئورمانلىقتىن قېچىپ چىققانسىلەر قوناقلارنىڭ ئەلچىسى
مانا بىز گەپنىڭ سەركىسى
توختىمايدۇ قەدەم ھازىر بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ
ئەركەك دېگەن پىشانىدىن چىققان تەرگە قاقشىمايدۇ ،
ناركوز سىلەرگە ئوخشىمايدۇ .
ئۆسۈم يەنە نەچچە يىل توختىمايدۇ
سوراپ يەنە ناركوز دېگەن كىمۇ ھاياتىمنىڭ مەناسى
بۇ ئەمەس ، سىلەر كۆرىدىغان كىنو .
يېڭىلىققا ياق دېمەيمەن كونىلىقنى تاشلىمايسەن .
شۇڭا بىزگە ئوخشىمايسەن مەن ھەرگىز توختىمايمەن بۇ سەنەتنى بۇزمايمەن
مانا مەن كەلدىم سەرخىل مەزمۇنلارغا بولدۇم ئىشتىياق ئېلىپ،
ئۇلنى سېلىپ بىر كۈلۈپ كەل ھە ، ئالدىمدا بولىسەن غېرىپ
كۈندە كېلىمەن ئۈنگە ئېلىش ئۆيىگە دەسسەپ كەسكىن ئۇدارغا ،
ھەم دەسلەپ بولىمەن چىقىمەن پەللىگە flow ماڭىدۇ ئوقتەك
ھەر بىر سەھنىلەرگە تەييارلىق پۇختا چىقىپلا كېلىمەن دەرمەن يوق
ھەردەم مەزمۇت چىڭ قەدەم بىلەن ئىشەنچ بىلەن كۆڭۈل توق،
گىتارىم ھەم تارىم نېمە كارىم مېنى دەيسەن زالىم دۇتارىم
خەرىتە بوشىمايدۇ كىبىرسىز بۇ ھالىم،
كۈلكىلەرگە ئەقىدىلەرنى باغلىغان شۇ سەبىيلەر
ھەزەر ئەيلە يوقاتقىنىم شۇ پۇرسىتى كەتكەن دەقىقىلەر،
ھەيۋىلەرمۇ كۆپتۇر كۆز ئالدىمدا قارا قارا
پارە پارە يۈرەكلىرىڭنىڭ ، چوڭقۇر يېرى يارا
ئەتراپىمدا شوخ كۈي ناۋا . ياڭراۋاتقان ساددا
نادان بالىلار ، ھەرگىز بىلەلمەيدۇ ئۇخلاپ قال كىرىسلودا
بىز نېمىلەرنى ئويلىغاننى مىڭ يىلدىمۇ بىلەلمەيسەن
قۇرۇق خىيالنى ئاز قىل بولدى. كەلگۈسىنى كۆرەلمەيسەن