Lyrics: Muhtar Bughra
Music: AbduwaliTohti
Arranger: AbduwaliTohti
يەنىلا مەن بار
باشلىرىڭدا ئەگىسە بۇلۇت
دوستلىرىڭمۇ باشلايدۇ كوت-كوت
ئەي نىگارىم ئىسىڭدە چىڭ تۇت
غەملىرىڭدە يەنىلا مەن بار
ئۇنتۇلۇشمۇ غەيرى بىر ئىشكەن
بىر چاغلاردا نىمە دېيىشكەن
بىر ئالمىنى تەڭمۇ يېيىشكەن
تەملىرىڭدە يەنىلا مەن بار
بوپ كەتمەيدۇ ئىنسان مۇكەممەل
تۇرمايسەنغۇ شۇ پېتى گۈزەل
دەپ ئويلايسەن ھەممە نەرسەم تەل
كەملىرىڭدە يەنىلا مەن بار
(قايتۇرما)
يار ھاياتىڭدا مەن بار يەنىلا
چۈنكى مەن ساڭا كۆيمىگەن چالا