kagilik tag nahxisi

Lyrics: Helik Music: Helik ئۆستەڭنىڭ تېگى چاقلىق تېپىۋالدىم تاۋار ياغلىق تالاشقانغا بەرمەيمەن يايرىم باغلىغان ياغلىق
قىزىل گۈلىنى دېمىسەم غۇنچىسىنى ئۈزگۈم يوق سىز يايرىمنى دېمىسەم شەھىرىڭىزدە يۈرگۈم يوق
ئۆستەڭدىن سۈزۈۋالدىم ئاق قاشلىق قارا تاشنى ناخشامغا قېتىۋالدىم سىز يايرىم قەلەم قاشنى
ئوچاق بېشىدا مورا مورا بېشىدا كورا بۇ جاھاندا بارمىدۇ ئىشقى ئوتىغا دورا
قوغۇن تېرىدىم قەندەك خەقمۇ تېرىسۇن مەندەك قوغۇن تېرىدىم قەندەك خەقمۇ تېرىسۇن مەندەك
خەق سۆيگەننى سۆيمەيمەن ئۆزۈمنىڭ سۆيگىنى قەندەك ئۆزۈمنىڭ سۆيگىنى ناۋاتتەك
ئوي...ئا يارەي ئالما ساتقىلى بارسام قىزىلنى تاللايدۇ ئالما ساتقىلى بارسام قىزىلنى تاللايدۇ ئالەمدە كىشى يوقتەك كۆڭلۈم سېنى خالايدۇ كۆڭلۈم سېنى خالايدۇ
مەن بارايمۇ بارمايمۇ لېۋەن يارنىڭ قېشىغا مەن بارايمۇ بارمايمۇ لېۋەن يارنىڭ قېشىغا
بارغىنىمدا قېشىغا دەرت كېلەرمۇ بېشىغا دەرت كېلەرمۇ بېشىغا ئوي...ئا يارەي
چاي ئىچەيلى چايداندا شوخ ئوينايلى مەيداندا چاي ئىچەيلى چايداندا شوخ ئوينايلى مەيداندا
ئۆلمىسەك كۆرۈشەرمىز خالاستاننىڭ تويىدا خالاستاننىڭ تويىدا
ئوي...ئا يارەي ئوي...ئا يارەي