ماڭا كەلسەڭ ياسانماي كەلگىن,
چىرايلىقسەن ياسانمىساڭمۇ,
ماڭا كەلسەڭ ياسانماي كەلگىن,
چىرايلىقسەن ياسانمىساڭمۇ,
ئالتۇن دەيمەن زىلۋا بويۇڭنى,
ئالتۇن زەنجىر ئاسالمىساڭمۇ,
ماڭا كەلسەڭ تارانماي كەلگىن,
نەدە گۈلنىڭ تارانغىنى بار,
ماڭا كەلسەڭ تارانماي كەلگىن,
بۇ دۇنيادا قىزلار زاتىنىڭ,
نەدە بىزدەك يارالغىنى بار。ئەتىر چېچىپ ئاۋارە بولما,
چاچمىساڭمۇ ئەتىر پۇرايسەن,
تۈندە كەلسەڭ ئاي قاراڭغۇسى قاراڭغۇسى,
كېلىۋەرگىن ئۆزۈڭ بىر ئايسەن,
تۈندە كەلسەڭ ئاي قاراڭغۇسى قاراڭغۇسى,
ماڭا كەلسەڭ تارانماي كەلگىن,
نەدە گۈلنىڭ تارانغىنى بار,
نەدە سەندەك يارالغىنى بار,
بۇ دۇنيادا قىزلار زاتىنىڭ,
نەدە سەندەك تۆرەلگىنى بار,
نەدە بىزدەك يارالغىنى بار。