Iridescent cloud

Lyrics: NBR/KOZ Music: NBR/KOZ Arranger: NBR Mixing/封面:Number Sarkar ئويلايمەن ھەر كېچە بۇرۇنقى تىلىكىمنى دوست بۇرادەر بىلەرمۇ بىر كۈن كېرىكىمنى بۇ يول ئۇزاق يول قىلتاق بىلەن توزاق يول ئۇشتۇمتۇت غايىپ بولسام كىملەر قىلار دېرىكىمنى f.. k ياشلىق f.. k مەكتەپ f.. k جەميەت f.. k ھەممىگە دەپ تۇرۇپ يەنە قىيالمايمەن ئادەم دېگەن شۇنداق چىدىماس قۇدرىتىم يەتمىدى يۈرەكتىن ياخشى كۆرمىگەنگە قىيدىماس ئامراق بولدۇم ھاراق بىلەن ئۆزۈمنى يوقىتىشقا پىغانلىق كەيپىياتتا ئامالسىز ، مەن توختىتىشقا ناخشام ئۆزۈم ئۈچۈن ئەڭ بەختلىك باغچا باش ئەگكۈم يوق تۇرمۇشتىكى ھەر خىل بېسىم قورقۇتۇشقا پەسكەش ئەتراپ رازىمەن كۆتۈرسەم ئەپكەش سەركەرسەرۋاز شىنجاڭ hip hop تا ئالتۇن رەپكەش بىر كۆزۈمدە نەپرەت بىر كۆزۈمدە ئۈمىد يانار بىر كۈن بۇ ئەسەرگە داخىل بالىلار سانى ئەسلى نەق بەش Mc-Koz قىسمەت كېلىدىكەن ھەر ئادەمنىڭ بېشىغا تامچىغاندا كۆز يېشى يىيىلىۋاتقان ئېشىغا ھېس قىلىدىكەن باشقا كۈن چۈشكەندە ياندا كىملەر بار ئىشى بار ئادەملەر بۇ يېقىن كەلمەس قېشىغا قاقشىما بۇ جەمىيەتنىڭ قانۇنى تويغۇزغىلى بولمايدىكەن ئىنسانلارنىڭ قانىنى كىم بىلەن كىمنىڭ كارىنى ، كىم قىلىدۇ قەدرىنى ئۆتكەن ئىشلار ئۆتىۋەرسۇن قەدىرلەيلى بارىنى ئېي ئەتە نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ ئۈمۈدنى بەك جىق باغلىما ياخشى بولىدۇ دەپ ئۆزۈڭنى تەسەللىي بىلەن ئالدىما يامىنى كەلسە ئەگەر ئىشنىڭ ئۆزۈڭدىن كۆر قاينىما ئۆتنە ئالەم ئۆتنە دۇنيا بەخت ياردىن ئايرىما دۇرۇس ياشا ، دەيمەن ئۆزۈمگە دائىم دادام قۇياشىم بولسا ئاپام مېنىڭ ئايىم ئاىلەمگە ئىپتىخارىم سۆيۈملۈك ئايالىم شۇلار بولسا كۇپايە كېلىدۇ ماڭا باھارىم Number سۆيۈپ ئۆتىمەن ئۆزۈمنى دەپ باشتا خاتا ئۆزۈمگە كەم يۇغارمىدىم كۆزۈمگە نەم يوقسۇلۇق قوشۇپ غەمنى تۇرمۇشۇمنىڭ قانداقلىقى ئۆز ئۆزۈمگە ئايان توختۇغۇم كەلمەيدۇ ئارزۇيۇم بىلەن چىگىپ بەلنى ھەممىمىز سۈرۈپ باققان مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى كىممۇ ئويلىغان ئازابلار ۋە پالاكەتنىڭ كەينىنى جەمىيەتنى چۈشەنمەيمەن مۇئەللىم سۆزلىگەندەك مەكتەپتىمۇ تايىنلىقتىن بىلمەي بۆلۈش كەرلىنى بەلكىم بۈگۈن ئەتە، بۇ ھاياتىڭنىڭ ئاخىرى كۆرەلمەيمىز ئەپسۇس كىملە شۇ پولونىڭ داخىلى خۇشاللىق ئەۋزەل بۇ ھايات كۈلكىنىڭ بازىرى دە تۇنجى نەپەستە ھەممىمىز يېغا بىلەن ئاپىرىدە پىيالەمدىكى چاي ئەمەس توشتى تاماكا كۈللىرى سەن بىز ئۇنتۇپ چوڭلار يادىدا شۇ جاپالىق كۈنلىرى يالغۇز ئولتۇرۇپ يازغان قۇرلار بەتكە توشاپ كەتتى بىر بوتۇلكا ۋۇسۇغا زاكۇسكا قىلدىم ئۇششاق دەتنى