Hatiram

خاتىرەم بىتىنى ۋاراقلاۋىتىپ         ئۇچراتتىم بىراۋنىڭ قول يازمىسىنى نامى يوق ۋەياكى يىزىلغان ۋاقتى   بار پەقەت بىر جۈملە سۆيىمەن سىنى مەن ئاڭا تەلمۈرۈپ سۈرىمەن خىيال    بۇ كىمنىڭ سۆزىدۇر يازغاندۇر قاچان      ئۇ ماڭا تونۇشمۇ ياكى ناتونۇش  ھازىر ئۇ نەدىدۇر بارىمىدۇر ئامان يازغانمۇ يا مىنىڭ دوس يارەنلىرىم   ئىيتىشىپ مەن بىلەن قىلغانمۇ چاقچاق   ۋە ياكى مەن ئۈچۈن ياش تۆكۈپ يۈرگەن    بولغانمۇ ئۆتمۈشتە شۇنداق بىر قىزچاق  قىز بولسا كىمدۇ ئۇ كىم بىلەن بىللە تۈنلەرنى تاڭلارغا ئۇلايدىغاندۇ ياكى ئۇ ھازىرمۇ سۆيگۈمنى كۈتۈپ تەنھالىق چۆلىدە يىغلايدىغاندۇ