karwax paklan maraydu

Lyrics: 无 Music: 无 tëkist Tëhrir:DjaGirKeliQ قېيىناتامنىڭ ھويلىسىدا قارۋاش پاقلان مەرەيدۇ ئـــــا قارۋاش پاقلان مەرەيدۇ قېيىن ئائام ئامدان خوتۇن پاقلان گۆشىنى يەڭ دەيدۇ ئـــــا پاقلان گۆشىنى يەڭ دەيدۇ تۇمۇچۇقۇم سايرايدۇ نىگارىم ئوينىغان باغدا يايرىم ئوينىغان باغدا يۈرەكتە ئوتلا كۆيىدۇ سېنى ياد ئەيلىگەن چاغدا ئـــــا سېنى ياد ئەيلىگەن چاغدا چەچەننىڭ بازارىدىن سىزگە ئانا ئەپ بېرەي ئـــــا سىزگە ئانا ئەپ بېرەي ئىچىمدىكى دەدىمنى يولدا ماڭغان دەپ بىرەي ئـــــا يولدا ماڭغان دەپ بىرەي ئاتۇشنىڭ يۇلى تاشلىق تىرىسا بۇلا ئاشلىق ئـــــا تىرىسا بۇلا ئاشلىق ئوينىۋەڭلا ياش باللا باكا كەتمىسۇن ياشلىق ئـــــا باكا كەتمىسۇن ياشلىق ۋاي سىنى دەيمۇ سىنى دەيمۇ يا سىنى كۆمەي ئۆلەمەنمۇ يا سېنى كۆمەي ئۆلۈپ كەتسەم يا مۇرادىمغا يېتەمەنمۇ يا قېشىم دەيمۇ كۆزۈم دەيمۇ يا سىياقىڭ قىلدى ۋەيرانە يا جاھاننى ئىزدىسەم يوقتۇ يا سېنىڭدەك ياخشى مەردانە ئۆگزەڭگە چىقىۋاپسەن ئېچىلغان قىزىل گۈلدەك ئېچىلغان قىزىل گۈلدەك كېلىڭ يايرىم ئوينايلى سۇغا سۇ قوشۇلغاندەك