Lyrics: 7even Jaris
Music: 7even Jaris
ئانا جانىم ئېھ ئانىجان مېھرىڭ ئاتەش ئېھ مېھرىبانىم
گەر يىغلىسا يۈرەك پارەڭ باغرىڭغا باسىسەن ئېھ غەمگۈزارىم
ئانا جانىم ئېھ ئانىجان مېھرىڭ ئاتەش ئېھ مېھرىبانىم
گەر يىغلىسا يۈرەك پارەڭ باغرىڭغا باسىسەن ئېھ غەمگۈزارىم
مەن ئۈچۈن تارتقان جاپايىڭنى كۆتۈرەلمەيدۇ مىسالى شەمشاد
تىلىم چىقىپ سېنى ئانا دېگەندە ئۆيىمىز ئېلىپ ياغدا مىڭ شات
ئانا سەن دۇنيا ئۈچۈن بىر ئادەم لېكىن مەن ئۈچۈن بىر پۈتۈن دۇنيارىم
سېنىڭ پەرزەنتىڭ بولغىنىم بولسا مېنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۇنۋانىم
سېنىڭ ماڭا بەرگەن مېھرىڭ بولسا بۇ دۇنيادا ئەڭ مېھىرلىك
يار سۆيگۈسىدىن ۋاپا كەلمىدى سېنىڭ سۆيگۈڭ ئەڭ سېھىرلىك
ھېچ بىر سۆيگۈگە قايىل بولمىدىم ئانا سەن مېنى ئەل قىلدىڭ
پەرۋىش قىلدىڭ ئەي بولدۇم مۇشتەك گۆشنى ئەر قىلدىڭ
ئەقلىمنى تېپىپ پۇشايمان قىلدىم قورسىقىڭدا قورسىقىڭغا تەپكىنىمگە
پۈتۈن بىسائىتىمنى تېگىشكىلى بولارمۇ ئانىسىنى بىر قېتىم ئەمگىنىمگە
مەن مەڭگۈ خاتالاشقۇچى ساڭا بىر قېتىم ھۈمەيگىنىمگە
مەن ساڭا مەڭگۈ قەرزدار ئانا قارنىڭدىن چۈشۈپ تۆرەلگىنىمگە
ئاپا
ئوۋ بالام
ئانا جانىم ئېھ ئانىجان مېھرىڭ ئاتەش ئېھ مېھرىبانىم
گەر يىغلىسا يۈرەك پارەڭ باغرىڭغا باسىسەن ئېھ غەمگۈزارىم
ئانا جانىم ئېھ ئانىجان مېھرىڭ ئاتەش ئېھ مېھرىبانىم
گەر يىغلىسا يۈرەك پارەڭ باغرىڭغا باسىسەن ئېھ غەمگۈزارىم
مال دۇنياغا تويۇنغان بىر زات ئانىسىز مەنچە بەختلىك ئەمەس
تۇرمۇش ئاددىي نامرات بولسىمۇ ئانىسى بارلار بەخىتسىز ئەمەس
ھاردۇق يەتتى ئانا جانىڭغا قوللىرىنى يۈزۈڭگە سۈرتۈپ قوي
ئاق چۈشكەن قارا ساچىغا چۈشكەن قۇيرۇقىغا زەن سېلىپ قوي
ھالىمنى سورايسەن ئانىجان خۇددى ئۆز ھال مۇقامىدەك
ئۆزۈڭ بىلەن قەتىي كارىڭ يوق مەن ئۈچۈن مەڭگۈ ھارمىغاندەك
ئوغۇللىرىڭ ئەر پۈتتى تاغنى تالقان قىلغۇدەك
ئەنسىرمىگىن ئاناجانىم بولدۇق سېنى باققۇدەك
ئاپا
ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولسۇن توغراق يېشىغا ئۇلاشقان ئانا
تېنىڭ سالامەت بولسۇن
سېنى مەڭگۈ سۆيىمەن ئانا جانىم