DjAbduWeliy
تۇز تېتىپ تۇكۇرگەننى
پۇل تېپىپ قۇتۇرغاننى
يول تېپىپ يۇز ئۆرگەننى
ھەممىسىنى تونۇيمەن
ئىت قاۋار ئۆتەر كارۋان
گاھ قالار دىلدا ئارمان
كىم ياخشى كىم يامان
ھەممىسىنى تونۇيمەن
كىملەر ماڭا قېرىنداش
كىم يانىمدا ئۆز ئاداش
كىم غەيۋەتخورر باغرىتاش
ھەممىسىنى تونۇيمەن
بىرى يارىمگە ئاشنا
بىرى يىغامغا تەشنا
دىل باشقا دىلى باشقا
ھەممەسىنى تونۇيمەن
مۇزىكا
چىقسا ئەگەر تۇرىگە
ئۆلپەت بۇلار كىبىرگە
ئورۇن بەرمەس مىھىرگە
ھەممەسىنى تونۇيمەن
زەھرى ئاچچىق چايانلەر
تۇزدى تالاي پىلانلەر
يېنىمدىكى يىلانلەر
ھەممەسىنى تونۇيمەن
ئەقلى دۇنيا كويىدا
مىڭ چايانبار خۇيىدا
نىمە ئويبار ئويىدا
ھەممەسىنى تونۇيمەن
مەجىش ئۇدۇر خۇيىنىڭ
مىنىڭ دوستۇم ئۆزۇمنىڭ
قەرىزدارى ئۆزۇمنىڭ
ھەممەسىنى تونۇيمەن
ئۆمۇر ئەسلى ئامانەت
قىلما بۇنچە خىيانەت
تۇرسۇن ھەممە سالامەت
ھەممەسىنى تونۇيمەن
ئۆمۇر ئەسلى ئامانەت
قىلما بۇنچە خىيانەت
تۇرسۇن ھەممە سالامەت
ھەممەسىنى تونۇيمەن
ئۆمۇر ئەسلى ئامانەت
قىلما بۇنچە خىيانەت
تۇرسۇن ھەممە سالامەت
ھەممەسىنى تونۇيمەن
ۋاي ،ھەممەسىنى تونۇيمەن
ۋاي ،ھەممەسىنى تونۇيمەن
ھەممەسىنى ھەربىرىنى
ھەممەسىنى تونۇيمەن