Lyrics: Mamatyalkun-Abdurahman
Music: Mamatyalkun-Abdurahman
Arranger: Mamatyalkun-Abdurahman/无
Producer:
ئەتىراپىمدىن ئىزدەپ باقتىم دادام يوق
قەۋرىسىگە باغرىم ياقتىم دادام يوق
دادىسى بار ئۆزگىلەرنىڭ كۆڭلى توق
مۇڭداش بولغان مىھرىبانىم دادام يوق
زىمىستاننى باھار قىلغان مىھرىدە
مىڭ قۇياشنى خىجىل قىلغان چىھرىدە
ئۈمىد قىلغان بەختىمنى ھەر قەدەمدە
ئىچ كۆيەرىم غەمگۇزارىم دادام يوق
دادام باردا ياش كۆرمىگەن كۆزلىرىم
شۇنچە مەغرۇر ئىدى قىلغان سۆزلۈرۈم
دادا سىزمەن سامان بولدى يۈزلۈرۈم
سىرداشىم ھەم مۇڭداش بولغان دادام يوق
تۇتاي دىسەم ناۋات چاينى قولىغا
پاياندازلار سالاي دىسەم يولىغا
تون كەيدۈرەي دىسەم ئالتۇن بويىغا
يىتىم قالدى ئارمانلىرىم دادام يوق
ئىچ كۆيەرىم مىھرىبانىم دادام يوق