Suyarmix

Music: AbduwaliTohti Arranger: AbduwaliTohti قىيا بىقىپ كۆزۈمگە ماڭا تويماي قارارمىش. مەھەللىسى نەدە دەپ، ئۆزگىلەردىن سورارمىش. گۈل كۆتىرىپ مەلەمدە، مىنى ساقلاپ تۇرارمىش. ئوتلىرىمدا مەجنۇن بوپ، ئۆزـ ئۆزىنى قىينارمىش، زەرگەزلەردە سوقتۇرۇپ، ئالتۇن ئۈزۈك سالارمىش. ئەلچى قويۇپ ئۆيۈمگە، مىنى يار قىپ ئالارمىش. سۆيەرمىش ھەي سۆيەرمىش، مىنى دىلدىن سۆيەرمىش، ئوتلىرىمدا ۋاي كۆيۈپ،  سۇلىرىمدا ئاقارمىش