Lyrics: Esmael Ebrahim
Music: Esmael Ebrahim
كۈتەرمەن
تىكىستى : ئىسمائىل ئىبراھىم
مۇزىكىسى : ئىسمائىل ئىبراھىم
كىچىلەردە ئويلاپ سىنى نىگارىم
كۆرزلۈرۈمدىن ئاقتى ئۈنچە ياشلىرىم
ھەمراھ ماڭا مۇڭ چىقار ئۇشبۇ ساتارىم
گۈلزارىمنى كۈيۈمدە كۈيلەپ كۈتەرمەن
بىغۇبارسەن كۆڭلۈمدە گويا بىر گۆھەر
كىچەلمەيمەن سەندىنكى ئۆلگەنگە قەدەر
گۈلۈمسەن بىر ئۆزۈڭ خۇشخۇي بىر ئەمبەر
كۈتەرمەن جانىم سىنى كەلگىن كۈتەرمەن
چىھرىڭنى ئىختىيارسىز يەنە سىغىندىم
ھىدىڭنى باھاردىكى گۈلدىن ئىزلىدىم
ئايغا قاراپ تەلمۈرۈپ يەنە ئويلۇدۇم
سىغىندىم گۈلۈم سىنى كەلگىن كۈتەرمەن
ھەمراھ ماڭا مۇڭ چىقار ئۇشبۇ ساتارىم
گۈلزارىمنى كۈيۈمدە كۈيلەپ كۈتەرمەن
ئايغا قاراپ تەلمۈرۈپ سىنى ئويلۇدۇم