Music: EmRan-BaTur Arranger: Muradel Abdusalam نازۇك ناھال قىزكىنە،   ئاي يۈزلۈك ، ئاي يۈزكىنە.  قەندەك شېرىن سۆزكىنە،  دەرتلىرىمگە دەۋادۇر .  يار بىگانە ئەيلىمە،   دىۋانىلەر ئەيلىمە.   سۆيمەيمەن دەپ ئالدىما،  يۈرەك باغرىم يارادۇر .  يارا ـ يارا ـ يارادۇر،   يۈرەك باغرىم يارادۇر .  سۆيگەن يارىم كەتسەڭ ئەگەر،   مېنىڭ بەختىم قارادۇر .  نازلىرىڭ جانىمدىن ئۆتتى،   باشقىسى يېتەر ھاي ـ ھاي .  ئازارلىرىڭ دىللەرىمنى،   ۋەيران ئېتەر ۋاي ـ ۋاي.  باشقىسى يېتەر ھاي ـ ھاي،   ۋەيران ئېتەر ۋاي ۋاي .  سۆيمەسلىكىڭ يارى ـ يا !  باشلىرىمگە بالادۇر . قايتارما : يارا ـ يارا، يارادۇر،   يۈرەك باغرىم يارادۇر . سۆيگەن يارىم كەتسەڭ ئەگەر،  مېنىڭ بەختىم قارادۇر .