Lyrics: Ablikim yangak (核桃)
Music: Ablikim yangak (核桃)
كۆزۈڭنى يۇمۇپ شوخلۇقۇڭ بىلەن
سەزمىگەن چاغدا ئالدايسەن مېنى
كۆزۈڭنى يۇمۇپ شوخلۇقۇڭ بىلەن
سەزمىگەن چاغدا ئالدايسەن مېنى
مۇھەببەت ئۈچۈن بىر تالاي سۆزلەپ
ۋەدەڭگە ۋاپا قىلغىنىڭ قېنى
مۇھەببەت ئۈچۈن بىر تالاي سۆزلەپ
ۋەدەڭگە ۋاپا قىلغىنىڭ قېنى
توي بولدى ئەمدى يىراقتۇر مەندىن
ئۆچكەن ئوتلىرىڭ قايتا يانمايدۇ
توي بولدى ئەمدى يىراقتۇر مەندىن
ئۆچكەن ئوتلىرىڭ قايتا يانمايدۇ
كەتتى كۆڭلۈمدىن سۆيگۈ باھارى
بۇلبۇلۇڭ ئەمدى قانات قاقمايدۇ
كەتتى كۆڭلۈمدىن سۆيگۈ باھارى
بۇلبۇلۇڭ ئەمدى قانات قاقمايدۇ
بۇلبۇلۇڭ ئەمدى قانات قاقمايدۇ