Otmaydu Kunlurum

Lyrics: Key-kayyum Music: Ultra beats ئۆتمەيدۇ كۈنلۈرۈم سەن بولمىغاچ قېشىمدا قاراڭغۇ ھەم تۈنلۈرۈم دەرت قوشۇلدى يېشىمغا ئۆتمەيدۇ كۈنلۈرۈم چۈنكى يارىم يىراققا ئۆتەرمۇ ياكى ئۆمرۈم يېتەلمەي ۋىسالغا ئۆتمەيدۇ كۈنلۈرۈم چۈنكى يارىم يىراققا ئۆتەرمۇ ياكى ئۆمرۈم يېتەلمەي ۋىسالغا زىمىستاندىن باھارغا ئىنتىلىمەن يىراققا يۈرەك سۆزۈمنى ئېيتالماي سېنىڭغا ئۆتتى كۆپ كۈنلەر ئايلار يىللار مۇھەببەت ئوتى باغرىمدا كۆيىدۇ سىنى سېغىنغان چاغلاردا يەتكۈزگىن مۇرادىمغا سۆيگۈڭنى بەرگىن مەڭگۈلۈك ھەمرايىڭمەن قولۇڭنى بەرگىن يەتكۈزگىن مۇرادىمغا سۆيگۈڭنى بەرگىن مەڭگۈلۈك ھەمرايىڭمەن قولۇڭنى بەرگىن ئۆتمەيدۇ كۈنلۈرۈم سەن بولمىغاچ قېشىمدا قاراڭغۇ ھەم تۈنلۈرۈم دەرت قوشۇلدى يېشىمغا ئۆتمەيدۇ كۈنلۈرۈم چۈنكى يارىم يىراققا ئۆتەرمۇ ياكى ئۆمرۈم يېتەلمەي ۋىسالغا ئۆتمەيدۇ كۈنلۈرۈم چۈنكى يارىم يىراققا ئۆتەرمۇ ياكى ئۆمرۈم يېتەلمەي ۋىسالغا قاراڭغۇ ئۇزۇن كوچىلار چاقناپ ئاسماندا يۇلتۇزلار چۆكەتتىم ئولتۇرۇپ شېرىن خىيالغا سىمايىڭ كۈندە ئالدىمدا ئايزۆھرە ئېيت سەن قاياقتا باساتتىم گەر سېنى كۆرسەم باغرىمغا يەتكۈزگىن مۇرادىمغا سۆيگۈڭنى بەرگىن مەڭگۈلۈك ھەمرايىڭمەن قولۇڭنى بەرگىن يەتكۈزگىن مۇرادىمغا سۆيگۈڭنى بەرگىن مەڭگۈلۈك ھەمرايىڭمەن قولۇڭنى بەرگىن ئۆتمەيدۇ كۈنلۈرۈم سەن بولمىغاچ قېشىمدا قاراڭغۇ ھەم تۈنلۈرۈم دەرت قوشۇلدى يېشىمغا ئۆتمەيدۇ كۈنلۈرۈم چۈنكى يارىم يىراققا ئۆتەرمۇ ياكى ئۆمرۈم يېتەلمەي ۋىسالغا ئۆتمەيدۇ كۈنلۈرۈم سەن بولمىغاچ قېشىمدا قاراڭغۇ ھەم تۈنلۈرۈم دەرت قوشۇلدى يېشىمغا ئۆتمەيدۇ كۈنلۈرۈم چۈنكى يارىم يىراققا ئۆتەرمۇ ياكى ئۆمرۈم يېتەلمەي ۋىسالغا