Lyrics: Heliq
Music: Music 音乐
Arranger: heliq
مەن ئۆزۈمنى قىلىپ شەرمۇسار,
سۆيگۈ ئۈچۈن كۆيگىلى ماڭدىم,
ياشاش دىگەن يالغان ھېكايە,
جەسىدىمنى كۆمگىلى ماڭدىم,
مىنى مەندىن سورىغان يارنىڭ,
يۈرىكىگە سۆيگىلى ماڭدىم,
قىلغان بولسام ئەگەر ياخشىلىق,
ماڭا ئەمەس قايتۇر باشقىغا,
يامانلىقنى سالما يۈزۈمگە,
ياخشىلىقلار ياغار ياخشىغا,
قانچە قىلسام بىركەم بۇدۇنيا,
جان سېتىلماس يىققان بارچىغا,
مىنى ئىزدەپ كىلىدىغانلار,
ياش تۆكمەستىن كۈلۈپ كىلىڭلار,
يۈرەكى قان سەۋدا ئاشىق- دەپ,
ھاياتلارغا سۆزلەپ بىرىڭلار,
بارچە دۇنيا سىلەرنىڭ بولسۇن,
ئەمىن تىپىپ قالار كۆڭلۇڭلار。