Wapasiz Yar

Lyrics: Mr.ELHAM Music: Mr.ELHAM Arranger: Mr.ELHAM ۋاپاسىز يار باشلىنىش مۇزىكا ۋاپاسى يوق بىر زاماندا ياشىدۇق ئادەم بولۇپ ياخشى سۆزنى باشلىدۇق ۋاپاسى يوق بىر زاماندا ياشىدۇق ئادەم بولۇپ ياخشى سۆزنى باشلىدۇق بىزنىڭ يارنىڭ ۋاپاسى يوق بولغاچقا ئالمىغا ئوخشاش چىشلەپ قويۇپ تاشلىدۇق بىزنىڭ يارنىڭ ۋاپاسى يوق بولغاچقا ئالمىغا ئوخشاش چىشلەپ قويۇپ تاشلىدۇق باققان قويۇڭ ئەركەكمۇ چىشىمۇ سۆيگەن يايرىڭ قاراپ تۇرغان ئىشمۇ باققان قويۇڭ ئەركەكمۇ چىشىمۇ سۆيگەن يايرىڭ قاراپ تۇرغان ئىشىمۇ بىر جېنىڭغا ئىككى يار تۇتىۋاپسەن ئويلاپ باققىن شۇمۇ ئادەم ئىشىمۇ بىر جېنىڭغا ئىككى يار تۇتىۋاپسەن ئويلاپ باققىن شۇمۇ ئادەم ئىشىمۇ مۇزىكا قاراپ باقسام يۇلتۇزلارنىڭ چېكى يوق سۆيگەن يارنىڭ گېپى يوق قاراپ باقسام يۇلتۇزلارنىڭ چېكى يوق سۆيگەن يارنىڭ گېپى يوق ۋاپاسىزلار ئوخشايدىكەن ئالدامچىغا يۈرىگىدە چىن سۆيگۈ يوق ۋاپاسىزلار ئوخشايدىكەن ئالدامچىغا يۈرىگىدە چىن سۆيگۈ يوق ئايمۇ خىجىل ۋاپاسىزلار كۆزىدىن سىيپاپ ئۆتمەس شامالمۇ يۈزىدىن ئايمۇ خىجىل ۋاپاسىزلار كۆزىدىن سىيپاپ ئۆتمەس شامالمۇ يۈزىدىن ئەمدى بىلدىم مەيلىنى شۇ قىزنىڭ ئاخشام قىلغان ئاشۇ قوپال سۆزىدىن ئەمدى بىلدىم مەيلىنى شۇ قىزنىڭ ئاخشام قىلغان ئاشۇ قوپال سۆزىدىن مۇزىكا ۋاپا گۈلى ئېچىلمىغان بۇ زاماندا بولاي دەرتمەن سېنى سۆيگىچە خاماندا ۋاپا گۈلى ئېچىلمىغان بۇ زاماندا بولاي دەرتمەن سېنى سۆيگىچە خاماندا سۆيگۈ ئىزدەپ گۈلىستانغا بارمايمەن ۋاپاسىزلار ياشىۋاسۇن ئارماندا سۆيگۈ ئىزدەپ گۈلىستانغا بارمايمەن ۋاپاسىزلار ياشىۋاسۇن ئارماندا كىمدىن كىمگە ۋاپا كەلدى بىلمەيمەن كۆرسەم سېنى قاپاق تۈرۈپ كۈلمەيمەن كىمدىن كىمگە ۋاپا كەلدى بىلمەيمەن كۆرسەم سېنى قاپاق تۈرۈپ كۈلمەيمەن بىلىپ قويدۇم كۆڭۈل بەرگەن شۇ يارنى ئاۋارە بولۇپ يەنە سۆيۈپ يۈرمەيمەن بىلىپ قويدۇم كۆڭۈل بەرگەن شۇ يارنى ئاۋارە بولۇپ يەنە سۆيۈپ يۈرمەيمەن