Taxnalik-Kaharbeg

Lyrics: 祖丽皮亚木 Music: 祖丽皮亚木 تەشنالىق سۆزى زۇلپىيەمنىڭ . مۇزىكىسى زۇلپىيەمنىڭ .
تەشنا بولۇپ يوللۇرۇڭغا كۈتسەم يار سېنىڭ ئايرىلىشقا كەپسەن ، بۈگۈن بىلسەم كۆڭلۈڭنى . قاچۇرمىغىن ، كۆزلىرىڭنى بۇنچىۋالا مەندىن . يارىم ساڭا ئېيتىۋالاي ، يۈرەك سۆزۈمنى .
كەتسەڭمۇ كەت مېنى تاشلاپ يېڭى يار ئۈچۈن . ئاغرىنمايمەن ، تىلىكىم شۇ بەخىتلىك ئۆتكىن . ۋاپا نېمە سۆيگۈ نېمە ، مۇھەببەت نېمە ؟ دوستلۇرۇم كىم سۆيگۈنۈڭ كىم ئويلىنىپ يەتكىن .
ئالدانمىغىن نامەردلەرنىڭ يالغان سۆزىگە ۋاپادارلىق مۇھەببەتنىڭ تۈۋرۈكى ، بىلسەڭ . كۈتەي سېنى بىر ئۆمۈر تەشنا يولۇڭغا . تەڭ ياشايلى بۇ دۇنيادا يىغلىسام كۈلسەم .