Kaxkar Sanimi喀什赛乃姆

Arranger: Mamateli-Axik Producer: abduwali tur يارنى يار دەمدۇ كىشى ياماننى خالامدۇ كىشى ئايارەي ۋاي ۋاي سەنەم ياخشى يار ياندا تۇرۇپ ياماننى خالامدۇ كىشى ئايارەي ۋاي ۋاي سەنەم مەن يىراقتىن يارنى كۆردۈم يار مىنى ۋاي كۆردىمىكىن شاخنى ئىگىپ ئايارەي ۋاي ۋاي سەنەم يۈرۈگۈمگە ئوت تۇتاشتى يار ئۇنى ۋاي بىلدىمىكىن ئايارەي ۋاي سەنەم ۋاي قىزىل قىزىل پىيازنىڭ ۋاي پوستى تولا يارىيار ۋاي ئىشلەمچى ياش باللانىڭ ۋاي دوستى تولا ئايارەي ۋاي ۋاي سەنەم ۋاي چىللاڭ توخام قىچقىرىڭ خوراز يارىم ئويغانسۇن يارىيار ۋاي مۇقام ئېيتىپ سازنى چالاي چۈچۈپ ئويغانسۇن ئايارەي ۋاي ۋاي سەنەم تال ئۇچى تالغا تىگەمدۇ تال ئۇچى تالدىن يىراق مەيلىمىز سىزگە چۈشۈپتۇ ئۆيىمىز ئاندىن يىراق ئۆي يىراقى بولسا بولسۇن كۆڭۈل يىراقى بولمىسۇن ئىككىمىزنىڭ ئاراسىدا ۋەدە يالغان بولمىسۇن يارىم بىلەن ئىككىمىز يارىيار ئايلىنىمەن ئايرىلماسقا دوس بولغان يارىيار ئايلىنىمەن باشتا ۋەدىمىز شۇنداق يارىيار ئايلىنىمەن ئايرىلماسقا دوس بولغان يارىيار ئايلىنىمەن ئانار گۈلى نادۇرمەن يارىيار ئايلىنىمەن مەن يارىمنى تاپۇرمەن يارىيار ئايلىنىمەن مەن يارىمنى تاپقاندا يارىيار ئايلىنىمەن مۇرادىمغا يىتۇرمەن يارىيار ئايلىنىمەن ئاچىلىپ قاپتۇ باغنىڭ گۈللەرى ئوينايدىكەن ئۆرگىلىمەن قەشقەر باللارى مىلى نەغمە سازىمىز كۆڭۈل ئاچار چاغىمىز ھەممە مىللەت ئۆم ئىناق ئەمدى ئوينار چاغىمىز يارىم مىنى تىللايدۇ بېقىۋاغان بالىسىدەك تىللاپ بولۇپ ئالدايدۇ يېڭى باغنىڭ ئالمىسىدەك ۋاي دادەي ئالما ئاتسام دەرياغا لەيلىۋىلىپ چۈكمەيدۇ سەن يارىمنىڭ ئوتلارى يالقۇنلايدۇ ئۆچمەيدۇ ۋاي دادەي ئاجايىپ…… ئاجايىپ……