Music: Elham Muhemmed Ghafur
Arranger: Elham Muhemmet
يار مىنى سەۋدا قىلىپ ،
ھالىمغا بىررەت يەتمىدى .
دەردىگە ھەمرا قىلىپ ،
ۋەسلىگە يول كۆرسەتمىدى .
يەتمىدى يار يەتمىدى ،
ھالىمغا بىررەت يەتمىدى .
كۆرسىتىپ دىدارىنى ،
كۆڭلۈمنى ئاۋات ئەتمىدى .
ئارزۇلاپ تىككەن گۈلۈمنى ،
قايرىدى بوران چىقىپ .
قايغۇغا سالدى دىلىمنى ،
يارنى يادىمغا سىلىپ .
يەتمىدى يار يەتمىدى ،
ھالىمغا بىررەت يەتمىدى .
كەتتى يانىمدىن يىراق ،
لىكىن كۆزۈمدىن كەتمىدى .
ياز كىتىپ كەچكۈز بىلەن ،
قالدىم غازاندەك سارغىيىپ .
يار نەزەر سالماي ماڭا ،
كەتتى ئۆزىگە زار قىلىپ .
يەتمىدى يار يەتمىدى ،
ھالىمغا بىررەت يەتمىدى .
ۋەسلى ئۈچۈن دەردىگە ،
كۆنمەكلىكىم يا شەرتمىدى .