Lyrics: Musajan-Ablat
Music: Musajan-Ablat
Arranger: Musajan-Ablat
كولدۇرما ئېسىپ ئاتقا
ھۆسنىگە جۇلا قىلدىم
يار مەندىن يامانلاپتۇ
مەن نىمە گۇنا قىلدىم
قانداق قىلىمىز باللا
كۆيۈپ ئاز قالدى بۇ جانلار
كۆيۈپ ئاز قالغان بۇ جاندىن
يايرىمغا سالام دەڭلا
پالتا چاپتىم تىرەككە
دەزى يەتتى بىلەككە
زادى كۆڭلۈم يوق مىنىڭ
سەن يارىمدىن بۆلەككە
ئوينايدۇ ئۇچۇپ باغدا
ئاق قۇچقاچ قارا قۇچقاچ
ھەي دوسلار جان دوسلار
كىچە بولسا ئۇيقا يوق
ھەي دوسلار جان دوسلار
يۈرۈگىمدە دەرت بولغاچ
يارنىڭ ئۆيى يىراقتا
ھەي دوسلار جان دوسلار
كۆيدۈم ئوتى پىراقتا
ھەي دوسلار جان دوسلار
سۈرىتىگە قارايمەن
ھەي دوسلار جان دوسلار
كۈندۈزى ھەم چىراقتا
ھەي باللار ۋاي باللا