Lyrics: Haliknig
Music: Haliknig
ئالما ئاتارمىز دەپ كەپتۇق
گۈل تۇتارمىز دەپ كەپتۇق
گۈل تۇتارمىز دەپ كەپتۇق
بۈگۈنكىدەك مەشرەپتە شوخ
ئوينارمىز دەپ كەپتۇق
بۈگۈنكىدەك مەشرەپتە شوخ
ئوينارمىز دەپ كەپتۇق
بارغۇم يوق مېنىڭ
چالغۇم يوق مېنىڭ
مەشرەپ يوق يەردە
ئېرىق بولسا كەڭ بولسا
سۇ باشلىسا تاشمىسا
سۇ باشلىسا تاشمىسا
مەشرەپ بولسا شۇنداق بولسا
ھەممە كىشى شوخلىسا
مەشرەپ بولسا شۇنداق بولسا
ھەممە كىشى شوخلىسا
بارغۇم يوق مېنىڭ
چالغۇم يوق مېنىڭ
مەشرەپ يوق يەردە
ئالما ئاتارمىز دەپ كەپتۇق
گۈل تۇتارمىز دەپ كەپتۇق
گۈل تۇتارمىز دەپ كەپتۇق
بۈگۈنكىدەك مەشرەپتە شوخ
ئوينارمىز دەپ كەپتۇق
بۈگۈنكىدەك مەشرەپتە شوخ
ئوينارمىز دەپ كەپتۇق
بارغۇم يوق مېنىڭ
چالغۇم يوق مېنىڭ
مەشرەپ يوق يەردە
ئەجەب تەشنا ئىكەن كوزا
ئىچىدە لىق سۈيى تۇرسا
ئىچىدە لىق سۈيى تۇرسا
ھەممە كىشى يايرايدۇ
بۈگۈنكىدەك مەشرەپ بولسا
ھەممە كىشى يايرايدۇ
بۈگۈنكىدەك مەشرەپ بولسا
بارغۇم يوق مېنىڭ
چالغۇم يوق مېنىڭ
مەشرەپ يوق يەردە
بارغۇم يوق مېنىڭ
چالغۇم يوق مېنىڭ
مەشرەپ يوق يەردە