Tumurhan ruzi-Bop kalar

Lyrics: Halip FM Music: Halip FM ناخشىدا:تۆمۈرخان روزى ناخشا ئېيىتتىم دەرىت تۆكۈپ دەردىڭگە دەرمان بوپ قالار مەن غېرىپنىڭ نالىسى كۆكسۈڭدە ئارمان بوپ قالار تۈننى تۈنگە ئۇلىغان چەكسىز مىسالسىز كۈنلىرىم مىڭلارچە سەرسان بوپ قالار سەن كىتىپ ئاق يول تىلەپ قالدىم قەسەمياتلار قىلىپ كۆز يېشىمنىڭ دانىسى بوينۇڭدا مارجان بوپ قالار دانە ياپراقتەك ئۇچۇپ نەلەردە يۈرسۈن يالغۇزۇم جان بىرەي ئالدىڭدا بىر جانىڭغا مىڭ جان بوپ قالار