Music: Hayrat-Mamtimin
Arranger: Hayrat-Mamtimin
ئېىسڭدىمۇ ئايدىڭ ئاخشام يۇلتۇزلار ساناپ،
مۇھەبەتتنىڭ ئوتلىرىدا كۆيۈشكىنىمىز.
سەن مېنىڭكى دەپ ئامرىقىم مەڭزىڭگە سۆيۈپ،
ئىلى دەريا بويلىرىدا كۆرۈشكىنىمىز.
چىملىقلاردا ناخشا ئېيتىپ كۈلگەن كۈلكىمىز،
دەرەخلەرگە بىر جۈپ قىلىپ ئويغان يۈرىكىمىز.
مامكاپتىن ئۈزۈك ياساپ سېلىپ قولۇڭغا،
قول تۇتۇشۇپ كەلگۈسگە بەرگەن ۋەدىمىز.
ئايدىڭ ئاخشام كەلدىم يەنە دەريانى بويلاپ،
دولقۇن بىلەن ئۆركەشلەيدۇ مۇھەببىتىمىز.
مەن قىرغاقتا سەن دىلمدا سۆيىمەن ئەبەد،
شۇ دەرياغا چىن باغلانغان سۆيگۈ رىشتىمىز.