Lyrics: Halk
Music: Halk
Arranger: Imran Yusup
Duttar-Rawap:Rozi jüma
Ney:Turghunjan Tohtiseyit
ۋاي دۇتتارىمەي دۇتتارىم
قۇلاقىدا پەي تارىم
ئاخشام ئىچكەن سىنچاينىڭ
ئەمدى تۇتتى خۇمارى
تومۇچۇقۇم سايرايدۇ
يارىم ئوينىغان باغدا
ساڭا بۇ جانىم كۆيىدۇ
سېنى ياد ئەيلىگەن چاغدا
ئاھۇ پەلەك كۆيىدۇ يۈرەك
يارىم يوق مېنىڭ سېنىڭدىن بۆلەك
گۈل تۈۋىدە ئولتۇرسام يارىم،
گۈلى يوقمىكىم دەمسەن
خىيال قىلىپ ئولتۇرسام
يارى يوقمىكىن دەمسەن
چىمەن چىمەندە گۈل
ئازادە باغىم
بېغىڭغا كىرەي دەيمەن يارىم
شورا بولمىسۇم دەيمەن
ئايرىلىپ كېتەي دەيمەن يارىم
ئۇۋال بولمىسۇن دەيمەن
چىمەن چىمەندە گۈل
ئازادە باغىم
بۇلبۇلۇم سايراڭ گۈللەر ئېچىلسۇن
گۈلنىڭ پۇراقى يەرگە چېچلسۇن
يارىم نەگە كەتتى شايارغا كەتتى
يارنىڭ يولىغا قاراپ بۇ يۈرەككە ئوت كەتتى
بۇلبۇلۇم سايراڭ گۈلنىڭ ئىشقىدا
ئۆرتەندى دىللار يارنىڭ ئىشقىدا
يارىم نەگە كەتتى شاياغا كەتتى
يارنىڭ يۇلىغا قاراپ بۇ يۈرەككە ئوت كەتتى