Tosuh

Lyrics: 3 Rang/DIL Music: Crystal Hitboy سىلكىۋەت بېشىڭنى بولسۇن بىر تەستەك . يېنىكلەتسۇن يەلكەڭنى قويۇلغان تەشتەك . گۈللەردىن ئىزدىمىگىن كۈلكىلىرىڭنى . ئۇھ بىلەن تەڭ نېمانچە تەس چىگىشنى يەشمەك . ئۈمىدنىڭ ياغىچىدا قولۋاق ياتسام . مەغلۇبىيەتنىڭ دېڭىزىغا غەرق بولىدىغۇ . ھاياتنىڭ مەنىسى دەرت ئەلەم بولسا . توسسا تۇرمۇش مەنىسى بەخت بولامدۇ . يەنە كەلدى بىر سەھەر . مېھرى ئىسسىق ، شۇ قەدەر . بۇ ھاياتتا ھېچ نەرسە . ئىللىق بولماس بۇ قەدەر . سەن دەمسەن ساقلا دېدى ئايدا يىلدا كەلمىدى گىرامماتىكىنى چۈشەنمەيمەن يېلىنمىدىم سەن دەمسەن ئۆزۈڭنى دادا ئاغىنەڭدىن كەلمەيدۇ نەپ . قاپىقىڭغا دىققەت قىلىۋال مېنىڭ قېنىم دېدىم . ھەئە ، بىز بەش لۈكچەك مەن ئارىسىدىكى كۈلگۈنچەك . فامىلەمگە ئاشىق مەن ئۆسمۈر چاغدىكى يانچۇقچى . تولۇقتا يەپ بولغان مۇش پەشۋانى ئۆلگۈچى . ئاھ ، جېنىم دەيسەن بىز رەڭ قاتارغا ئالغان شۇلارنى . ئىشىڭنى قىل بىزدە توشاق كۇنۇپكا تاختا . ئەمەلىيرەك بولايلى دەپ بى پىلاننى تاللىدۇق . ئالدىنقى سەپكە كىرەلەيتتىڭ ئىدىيەرىڭ خەققە ياقسا . گۇرپانغا ھېزى بول بۇ يىل ئالتە جاسۇس ياللىدۇق . ئاق قەغەز رەڭلىك قەلەم چۇش ئۇرۇپ نۇرغۇن ئەلەم . جان ئانامنى دەيمەن سەنەم جان ئانام سەنەم . ئازراق رەڭلىك بولسۇن ئولتۇرىدىغان سورۇننىڭ . ياخشى تاماقنى مېھمانغا بەر ئۆزۈڭگە قالسۇن ئورنۇڭ . يەنە كەلدى بىر سەھەر . مېھرى ئىسسىق ، شۇ قەدەر . بۇ ھاياتتا ھېچ نەرسە . ئىللىق بولماس بۇ قەدەر . ھەر قانچە دەرت ئەلەم باسقاندا سېنى . قايغۇردۇڭ ئاھ ! ئۇردۇڭ زارلاندىڭ قېنى . قايتتىمۇ ئورنىغا يەنە شۇ پېتى . تۈگىمىسۇن ئۆلمىسۇن ئېلىپ كەتمىسۇن يەپ كەتمىسۇن . نامەرد ئىتلىرى ۋىجدانلىرىڭنى . بۇ ھاياتتىن ئۈمىدنى كۆرۈپ قالغاندەك . تەستە ئېرىغا ئاڭلاپ ئۆمىلەپ قىينىلىۋاتقاندەك . قېتىلىۋاتقاندەك ئاتالمىشلار توپىغا . شېرىن چۈشلەر غەرق تېخى تۈگىمەيۋاتقاندەك . ئەي تۇرمۇش دەپلا ئۆتۈپ كېتىدىكەن . ئۆتىدىكەن بەختنى تاپمىقى قىيىن ئىكەن . بىر گۈزەل مەنزىللىرىنى كۆزلەيدىكەن . ئۇ مەنزىللەر يىراق ئىكەن ئۇزاق ئىكەن .