Lyrics: Alimjan Turup
Music: Alimjan Turup
Arranger: muhammatali-Abduhelil
ئەپسۇس
سەنسىز كوچىلاردا ئۆتكەن ياشلىغىم
سەرسان كىچەلەردە ئۆتكەن ياشلىغىم
سەنسىز كوچىلاردا ئۆتكەن ياشلىغىم
سەرسان كىچەلەردە ئۆتكەن ياشلىغىم
دەريالاردا ئىقىپ كەتكەن ياشلىغىم
بۈگۈن سىنى ئويلاپ كۆز يىشىم تامدى
بىر قەلەمقاش قىزدا ياشلىغىم قالدى
كۆز ئالدىمدا شۇئان يەنە ھەممىسى
يالغان ئىكەن ماڭا بەرگەن ۋەدىسى
مەنچىلىك سۆيمىگەن ئۇنى ھىچ كىشى
ۋاز كىچىپ مىنىڭدىن كىملەرگە كۆيدى
بىر قەلەمقاش قىزدا ياشلىغىم قالدى
بىر قەلەمقاش قىزدا ياشلىغىم قالدى
ئارقىغا قايتمايدۇ كارۋانىم ئەپسۇس
قايتقىلى يەتمەيدۇ دەرمانىم ئەپسۇس
ئاشۇ گۈزەل مىنىڭ ئارمانىم ئەپسۇس
ئەلەمدە ياشلىغىم كۈلگە ئايلاندى
بىر قەلەمقاش قىزدا ياشلىغىم قالدى
ئاھ كۆزلەرى شەھلا چاشلىرى دەريا
ئەسلىدىڭمۇ مىنى ئۇنۇتتۇڭمۇ يا
بولدۇڭ بىۋاپا بولدۇم بىۋاپا
بىرىشكەن ۋەدىلەر نەلەردە قالدى
بىر قەلەمقاش قىزدا ياشلىغىم قالدى
بىر قەلەمقاش قىزدا ياشلىغىم قالدى
ياشلىغىم قالدى ياشلىغىم قالدى