Lyrics: 九六96/AMax
Music: 九六96
VERSE:1
AMax
ok shit mf biachs
يازدىم تېكىس
بىر قولۇمدا قەلەم تۇتۇپ يەنە بىر قولۇمدا نىجىس
كىچىككىنە چەمبىرەكتە باللا مۇناسىۋەتلەر 96
يىغىشتۇرۇشقا مانا بىز كەلدۇق come on بۇرادەر X
ئاغزىدىن قان كەتمىگۈچە
يەر ئاستىدىن سەھنىگىچە
بولدى قىممايمە مەن مەن دېگەننى يەر چىشلىتىپ
ماڭا رەھىم ئەت دېگۈچە
سەن ئارقىمدىن بەكلا كۈچەپ
ئالدىمغا كەپلا ئۆچەپ
مېنى يوقۇتۇشقا كاللا قاتۇرۇپ پىلان تۈزۈپ 77 كېچە
ئاغزىڭدا مايىللىق
با ئەمما قەلبىڭدە يوق قىلچە قايىللىق
چۈنكى قۇربىتىم تايىنلىق
چاغدا تاللىشىڭ بولغانتى خائىنلىق
ئەمما سەندىكى شائىرلىق
ۋاقىتلىق مەندىكى ئىلھام دائىملىق
مەندە بار جايىللىق
سەندە يوق شۇڭا ئارقىدا قېلىشڭ ئېنىق
يۈرىۋە ئاشۇنداق ئۆزەڭنى يامان دەپ بىلىپ
ئۆزەڭنى ھاماقەت قىلىپ
تېرىقچە نەتىجىگە قانائەتلىنىپ
ماڭا گەپ قىلىپ كەممە يېنمغا
يەنە كەپلىشىپ پالاكەتلىشىپ
بالا ئەپ كېلىپ بېشىڭغا بىر كۈن قالىمىز باكا سەتلىشىپ
ساڭا كاپالەت بېرىپ ئېيتالايمە رەپنى بول خاتىرجەم
چۈنكى بۇ ئۇزۇن ھەم مۇرەككەپ مۇساپىگە مەندەك ھەقىقى ماھىر كەم
كۇپايە قىلمايدۇ جىن چىراقتەك ئۆچۈپ يانغانغا بىردەم
ئاخىرغىچە ئوينىيالىساڭ كەل، ھەر ۋاقىت ھازىر مەن
VERSE: 2
X-NJ
باشلاندى سۆز ئىنىق-ئىنىق ساڭا بەرمەيمىز ئەمدى يۈز،
ياخشى ئاڭلا ئوبدان چۈشەن گەپلىرىمىز مۇشۇنداق تۈز.
بەزىلەر ئوپتان تەربىلەپ قۇيغان قۇرامىغا يەتكەن ئەرمەكبا،
بىلىمە ھەممىنى بۈلۈپ بۇلغان كەينىمىزدە نۇرغۇن غەيۋەت بار.
ناخشىلىرىمىزنى باھالايدىغان ئالىم ئۆلىما ئەرباب بار،
سېنىڭچە بىزدىكى ئەسەرلەر باھالاشقا مۇھتاجما،
قولوڭدىن كەلسە ئۆزەڭ قىل ھەممىنى بىزدىن ئاشۇرۋەت.
قىلالمىساڭ ئاشۇرالمىساڭ زۇۋانىڭنى يىغىپ ئۆچۈرىۋەت،
بولۇۋالماڭلار يالغان گاس چىقىرىپ قويدۇم سىلەرگە پاس .
دەككەڭنى ئوبدان بېرىمىز قۇلاق تۈۋىڭگە تاس-تاس،
ئولتۇرۇپ كېتىپسەن ھەۋەستە بىز سەھنىدە سەن پەستە،
شور كىلىرىڭ بولسا ياندا ئالدىمىزغا ئەۋەتە،
يۈز بەرگەن ئىدۇق نەچچە قېتىم ئۆزۈڭنى پەقەت بىلەلمىدىڭ،
بىز ئېلىۋاتقان رولغا قاراپ پەسلىكىڭدىن كۆرەلمىدىڭ.
ۋىجدان دېگەننى ساڭا ئوخشاش كەلسە كەلمەس ئىشلەتمەيدۇ،
مەيدانغا چىقىپ سۆزلەيدۇ ئەر لالما ئىتلىرىنى چىشلەتمەيدۇ.
ئۆزەڭچە بىزگە دىگەن سۆزۆڭ پاساھەتلىك تۇيۇلامدۇ،
ئاڭلاپ باق بىزدىكى رەپنى ئىدىيەلىرىڭ تۈزىلەمدۇ.
بىزدىكى سۆزلۆك كىرەك بۇلسا ئالدىڭدا ھازىر تۇرۇدۇ،
ھازىرچە سۆزلۈرۈم مۇشەدىلام تامام بۇلۇدۇ،