Kaytep kal

Lyrics: Naysen Music: Naysen Arranger: Naysen سەن ئۈچۈن يۈرەك كۆيدى كۈل بولۇپ يولۇڭغا قاراپ كۆزۈم تۆت بولۇپ سېغىنىپ ئاجىزە بولدۇم ساڭا دېمىگەن سىرلار كۆپ ئىدى سەنسىز جاننىڭ ئەمدى نە كىرىكى يار دېرىكىڭ قېنى سېغىندىم قېنى سەن ئاشىقىڭنى قىل سەۋدا مەن سېنى سۆيىمەن يەر ئاسمان بولسۇن گۇۋاھ خۇش ھىدىڭ مېنىڭ دىمىغىم دا كۆرگۈم كېلەر سېنى ھەر تىنىقىم دا سېغىندىم كەل قېشىمغا سېنىڭ شېرىن ئوماق كۈلكەڭنى ناۋاتتەك تاتلىق سۆزۈڭنى ئويلىسام مەس قىلار مېنى بىر ئۆمۈر سەن ئۈچۈن ئۇ تېنىم ساڭا بەخىش بىرلا سەندىن كۈتىمەن ھاياتىمغا نەقىش سەن ئۈچۈن مەيلى ئاسمىنىڭدا كۈن بولاي چوغ بولسام مەيلى كۆيۈپ كۈل بولاي سەن ئۈچۈن مەيلى تاغلارنى كېزەي ئوكيانلاردىن يىڭنە سۈزەي سېغىندىم سېنى بىر كېلىپ كەت ئۆزۈڭنى بىر نامايەن قىلىپ كەت سېغىندىم سېغىندىم سېغىندىم سېغىندىم سېغىندىم سېغىندىم سېغىندىم سېغىندىم ساڭا ئوخشاشنى تاپالمىدىم بۇ سېغىنىشنى باسالمىدىم سەنسىزلىككە كۆنەلمىدىم