Lyrics: Kurbanjan mahmut
Music: Kurbanjan mahmut
Arranger: Nurali Abduqadir
سەنلەپ كەتتۇق غەيۋەت قىلىپ سىزلەشمىدۇق
بىر بىرىمىزگە ھەسەت قىلىپ ئىزدەشمىدۇق
جاھان ئۇزۇن كۈن چۈشكەندە بېشىمىزغا .
ئىشەنگەنلەر تاشلىغاندا ئىزدىشەرمىز .
ئېزىپ كەتتۇق بوياقچىدەك خېنىملارغا .
پۇل قەستىدە يالغان كۆيگەن جېنىملارغا
ئايلانغاندا خوتۇن بالىلار يېتىملارغا
قەلەم قاشلار تاشلىغاندا ئىزدىشەرمىز
تۇغقان بىلەن ئايدا يىلدا كۆرۈشمەيمىز
ئەھۋال سوراپ ھالىڭ قانداق دېيىشمەيمىز
غەملەر تۈگۈل بىر ۋاق تاماق يېيىشمەيمىز .
ئىشەنگەنلەر تاشلىغاندا ئىزدىشەرمىز