Lyrics: israfil/PiDA_laila Music: israfil Arranger: israfil verse1:israfil
بۇ شەھەرنىڭ كۈندۈزى كېچىسى ھەممە ماڭا ناتونۇش ئوخشىمايدۇ يۇرتىمىزغا بەرگەن تۇيغۇسى ناتونۇش ئىرادە بولغاچ داۋام قىلمەن ناتونۇش بولسىمۇ بۇيولغا تىلەپ كەلدىم يات شەھەردە مۇھتاج قىلما خەقنىڭ قولىغا چارچاپ قالىمەن بەزى لېكىن يۆلىنەي دېسەم ھېچكىم يوق . قىيداپ كەلسىمۇ قىيناپ كەلسىمۇ ئەزەلاىن ۋاز كەچكىم يوق شۇڭا نىشان ئۈچۈن چىپمۇ چىڭ قايتىدىن باغلىدىم بېلىمنى ئۆزۈم باشقا يەردە بولساممۇ ئۇنتۇپ باقمىدىم ئۆز ئېلىمنى قاقشىمىدىم باشقىلاردەك كۆنالمىدىم دەپ مەنمۇ بارا بارا ئۆگۈنۈپ قالدىم ئۆز غېمىمنى ئۆزۈم يەپ بوش كەلمەيمەن قېينچىلىققا قويمايمەن ھەرگىز ئۇتتۇرۇپ ئۇتۇق قازىنىپ دۈشمىنىمنى ئاچچىقتىن قان يۇتتۇرۇپ ناتۇش بولساقمۇ ھەممىگە ھامىنى بۇلۇپ كېتىمىز تونۇشلۇق راۋان بولىدۇ توسالغۇلار ھەممىسى يۈرۈشۈپ كېتىدۇ ئوڭۇشلۇك ھايات مىسالى دېڭىز توختىماي پالاق ئۇرۇپ كېمىدە بىلىمەن دۇنياغا ھەممىز مېھمان لېكىن ھەرخىل ئىشنىڭ غېمىدە hook×2 ئىزدىدىم مەن كۆپ قېتىم مۇھاببەت-دوستلۇق سەن قەيەردە تۇرمۇش بولدى مۇشاقەت ئاتا-ئانام يوق شەھەردە شۇ يەردە دەپ يۈكسەك ئارزۇ كۆرسەتتى چىدامنى تىرىشتم كۆپ بۇ سەپەردە قۇياشتىن بۇرۇن سەھەردە verse2:pida ئارمان ئۈچۈن سەپەر قىلدىم مەن توختىماي دەرمان قاچتى تەندىن قورساقنى توقلىماي مۇساپىرغا ھېيىت بولمايدۇ دېگەن ئىدىڭ ئۇزاتقاندا 699 ئاخشام كەتتى ئۆينى يوقلىماي كۈنۈم ئۆتتى كۈندە ئۈچ ۋاق قاراپ كونا كالېندارغا ئاتا ئىسمىڭنى يېزىپ قويدۇم قەرىز سۈيلىگەن تالۇنلارغا سورۇنلاردا ئېچىلىپ كۈلەلمىدىم يۇرتتىكىدەك خۇشاللىقىم قاپتۇ دوستلار بىلەن كۈلگەن ئورۇنلاردا يىللار شامىلىدا ئانام سىيماسى كۆزدىن ئۇچۇپ كەتتى ياقا يۇرتنىڭ ئۆگەيلىشىدا يۈرەكلىرىم پۇچۇپ كەتتى مىڭلارچە ھەسرەت توشۇپ كەتتى ناتىۋان مۇشتتەك يۈرەكتە سېغىنىش ئوت ئالدى قايتا قالغانلىرى ئۆچۈپ كەتتى مەن مۇساپىر ، مەن ئارزۇ ئۈچۈن مۇساپىر مەن مۇساپىر ،ئىچىم لەختە تېشىم پۈتۈن مۇساپىر تۇتۇرۇقى زۇلۇم شۇ ئوتنىڭ تەپتىدىن باغرى كاۋاپ مەن شۇ كاۋاپداننىڭ ئاسمىنىدا كۆكۈچ تۈتۈن مۇساپىر