Lyrics: Mrzat-yasen
Music: Mrzat-yasen
تېپ-تىنىچ كۆل يۈزى سۈكۈتتە تۇرغان
ئەڭ سوغۇق كۈنلەردە ئۇلغۇيدۇ گۈلخان
گەر كۆڭۈل تېگىگە يەتسە ھەر كىشى
خۇشاللىق تەختىگە بولغۇسى سۇلتان
ئۇيقۇسىز شۇ كىچە غېرىبلىق ھەمرا
ساناقسىز يۇلتۇزغا قارايمەن تەنھا
تامچىلاپ يامغۇردەك ئاقار كۆزيېشىم ئۆچمىگەچ يالقۇنى قەلبىمدە سەنبا
مۈشكىلات سەپەرگە قەيسەرلىك كېرەك
ساداقەت ئىزىغا مېھىرلىك تىلەك
مېھنەتسىز قۇياشتەك چاچسا نۇرىنى
ئېچىلار گۈل بەرگى سۆيگۈدىن دېرەك
ئۇيقۇسىز شۇ كىچە غېرىبلىق ھەمرا
ساناقسىز يۇلتۇزغا قارايمەن تەنھا
تامچىلاپ يامغۇردەك ئاقار كۆزيېشىم ئۆچمىگەچ يالقۇنى قەلبىمدە سەنبا