kerindishimdur

Lyrics: SulaymanSultan Music: SulaymanSultan Arranger: SulaymanSultan بېشىمغا دەرت كەلسە ، قانىتىم سۇنسا ،  ئەڭ دەسلەپ چىدىمىغان ، قېرىندىشىمدۇر .  يۈرىكى سېزەر ، تەشۋىشلىرىمنى … مىنى جاندىن ئەزىز كۆرگەن قېرىندىشىمدۇر . گاھى كۈلۈشكەن ، گاھى يىغلاشقان ،  ئېغىر كۈنلەردە يار يۆلەك بولۇپ ، بىللە ئۆتۈشكەن . ھايات پەيزىنى بىللە سۈرۈشكەن ،  ماڭا مۇڭداش سىردىشىم قېرىندىشىمدۇر .  ئانامنىڭ ھېدى ، ئاتامنىڭ قەددى ،  سەندە مۇجەسسەم ئۇلارنىڭ  سىماسى . ھەر كۈلۈشۈڭدە ئانامنىڭ زىناقى ، مىنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقىم قېرىندىشىمدۇر . ماڭا مۇڭداش سىردىشىم قېرىندىشىمدۇر .  مىنىڭ تاغدەك يۆلەنچۈكۈم قېرىندىشىمدۇر .