ئاي بىلەن كۈننى قوشۇپ
ئەلچى ئەۋەتتىم يار ساڭا
ئەلچى ئەۋەتتىم يار ساڭا
ئايمۇ ياندى كۈنمۇ ياندى,
ھېچ خەۋەر يۇقتۇر ماڭا,
ئايمۇ ياندى كۈنمۇ ياندى,
ھېچ خەۋەر يۇقتۇر ماڭا,
ئوڭ يېنىمدا ئاي ماڭا,
سول يېنىمدا كۈن ماڭا,
سول يېنىمدا كۈن ماڭا,
ئايگە باقسام كۈن قالۇر,
نە خىجالەت بۇ ماڭا,
ئايگە باقسام كۈن قالۇر,
نە خىجالەت بۇ ماڭا,
زەپ چىرايلىق قىپقىزىل گۈل,
ئېچىلىپتۇ باغىدا,
ئېچىلىپتۇ باغىدا,
پۇراپ كۆڭۈللەرنى ئالۇرسەن,
ئىشقىم يانغان چاغلاردا,
پۇراپ كۆڭۈللەرنى ئالۇرسەن
ئىشقىم يانغان چاغلاردا
باغلىرىڭغا بۇلبۇل كىلىپ,
شاخ شېخىڭدا سايرىغان,
شاخ شېخىڭدا سايرىغان
شۇ سەۋەب مەندىن كېچىپ,
باشقا يارغا قارىغان
شۇ سەۋەب مەندىن كېچىپ,
باشقا يارغا قارىغان,
ئاخىرى مەنمۇ سىنى,
ۋىجدانسىزغا ئايرىغان
ۋىجدانسىزغا ئايرىغان