Qizil gulum

by Jr
Lyrics: Jr Music: Jr ،قاغا ئۇچسا قانىتىغا قاراڭلا . گۇناھ قىلسام زەنجىر بىلەن باغلاڭلا ، ئۆز يارىغا قەست قىلغان دۈشمەننى . ئادەم بارماس باياۋانغا پالاڭلا ، تولا ئىكەن بۇ قويلانىڭ قاراسى . بەكمۇ يىراق ئىككىمىزنىڭ ئاراسى ، ئارلىق يىراق دەپ ئۇنتۇپ كەتمەڭ دوستۇم . ھايۋان ئەمەس بىزمۇ ئادەم بالاسى ، ئۇنىمايسىز قىزىل گۈلنى سويگەلى . ھىسابلىسام ئالتە ئاي بوپتۇ يۈرگەلى ، ئاستائولتۇرۇپ ئۇزۇننى خىيال قىلسام . بولمايدىكەن سىزدىن ئۈمۈت ئۈزگەلى ، باسالمايدۇ ھېچ كىشى خۇمارىمنى . ئېسىۋالاي قىزىل گۈل تۇمارىمنى ، سېغىنغاندا مەلەڭگە باراي دەيمەن . لېكىن يارىم بىلمەيمەن خىيالىڭنى