Yari Barkan+Samatjan

يارى باركەن يارىمنىڭ ئەسلى كۆزلىرىمگە كۆرۈندى غۇۋا، قوياش كۈلگەن تاڭ سەھەر پەسلى. ھىجرانلارغا تاشلىدى دۇنيا، يارى باركەن يارىمنىڭ ئەسلى . تەقدىر ماڭا قىلدىمۇ چاقچاق، يۈرۈكۈمدە چېقىلدى چاقماق. ئالداپ كەپتۇ سۆزلىرى قايماق، يارى باركەن يارىمنىڭ ئەسلى. كەپسىز كۆڭۈل كەينىگە كىرىپ، داغدا قالدىم بارىمنى بېرىپ . گۈلۈم كەتتى مەندىن يۈز ئۆرۇپ، يارى باركەن يارىمنىڭ ئەسلى. مەن يۈرەكتىن يار دېگەن بىلەن، يايرىم ئۈچۈن غەم يېگەن بىلەن. يۈرىكىمگە سانجىدى تىكەن، يارى باركەن يارىمنىڭ ئەسلى .