Qizim

‎ئۆيىمىزنىڭ ھۇزۇرى قىزىم،  ‎كۆزلىرىمىزنىڭ نۇرى قىزىم.  ‎مىنىڭ جانۇ دىلپارەم قىزىم،  ‎بارلىقىمسىز بىردانەم قىزىم.  ‎بىزگە خوشاللىق بەرگەن،  ‎ئەزىزلىكنى ئىپ كەلگەن،  ‎ئۆيىمىزنىڭ مىھمانى قىزىم،  ‎سۆيگۈمىزنىڭ داۋامى قىزىم.  ‎قولغا ئالسام ئاۋايلاپ،  ‎چۈچۈك تىلىدا سايراپ،  ‎دادا دىگەن بۇلبۇلۇم قىزىم،  ‎مىنىڭ يورۇق يۇلتۇزۇم قىزىم.  ‎سىزنى كۆرگەندە ھەرئان،  ‎ئۇنتۇلۇپ كىتەر جاھان،  ‎شېرىنلىكتە بىردانەم قىزىم،  ‎خۇشاللىقى بىر ئالەم قىزىم.  ‎ئاسراپ يامان كۆزلەردىن،  ‎سوراپ يامان كۈنلەردىن،  ‎سىز ئۈچۈن بىز پەرۋانە قىزىم،  ‎ماغدۇرۇمسىز بىردانەم قىزىم. 女儿是我们的掌上明珠 女儿是我们的一束光 女儿是我的直属心脏 女儿是我们的全部 带给我们无尽快乐 献给我们无数爱 你是我们的棉袄 你是爱情的结晶 抱你小心翼翼 与你一起说婴儿语 一声一声的叫着爸爸 我的命根女儿 每当见到你我的女儿 烦恼都会被遗忘 你带给我们的甜蜜 是无可取代的幸福 愿我的女儿永远幸福被爱 愿我的女儿永远健康知足 我们会是你的港湾 你是我们的精神支柱