Lyrics: Naysen
Music: Naysen
Arranger: Naysen
يۈرەك سېنى يەنە ماڭا ئەسلەتتى,
چۈشۈم سېنى يەنە ماڭا كۆرسەتتى,
چۈنكى كۆڭۈل ساڭا كۆنۈپ بولغان ئىدى,
شۇڭا ئارمان سېنى يەنە ماڭا كۆزلەتتى.
يەنە قايتا قايتا قايتا ئىزلىدىم,
لېكىن جامالىڭنى ئۇچرىتالمىدىم,
ساڭا بولغان ئاچكۆزلىكىمدىن,
ئاخىرىدا ۋىسالىمگە يېتەلمىدىم.
مەيلى تەقدىرنىڭ چاقچاقلىرىغا,
مەيلى دوستلارنىڭ زاڭلىقىلىرىغا,
مەيلى رىشتىمىزنىڭ يوقلۇقىغا,
مەيلى كۆڭۈلنىڭ كاۋاكلىقىغا.
مەيلى ئۆمۈرنىڭ قسقىلىقىغا,
مەيلى كىچىلەرنىڭ ئۇزاقلىقىغا,
مەيلى يۈرەكنىڭ ئاھۇ-زارلىرىغا,
مەيلى روھېمنىڭ تەنھالىقىغا.
بەزى ھېكايىلەر ۋاراق يۈزىدە,
بەزى ھىكايىلەر قەلب تۈۋىدە,
بەزى ھېكايىلەر ھايات بېتىدە,
ھېكمەتلىك ھېكايىلەر شۇنچە ئۆزگىچە.
مەيلى تەقدىرنىڭ چاقچاقلىرىغا,
مەيلى دوستلارنىڭ زاڭلىقىلىرىغا,
مەيلى رىشتىمىزنىڭ يوقلۇقىغا,
مەيلى كۆڭۈلنىڭ كاۋاكلىقىغا.
مەيلى ئۆمۈرنىڭ قسقىلىقىغا,
مەيلى كىچىلەرنىڭ ئۇزاقلىقىغا,
مەيلى يۈرەكنىڭ ئاھۇ-زارلىرىغا,
مەيلى روھېمنىڭ تەنھالىقىغا.