Kaytip kalgin

Lyrics: MD/KSC Music: MD/KSC Arranger: MD/KSC « قايتىپ كەلگىن » Hook : RiTSAR پەسىل قۇشى قارلىغاچتەك ئۇچۇپلا كەتتىڭ ئامرىقىم ، ھېچ بىلمىدىم نە سەۋەپتىن يىراقلاشتى ئارلىقىڭ . ئۇنتۇپ قالما ئاشىق زارىنى سەن مېنىڭكى بارلىقىم ، ئىلتىماسىم ئەمدى يېنىمغا قايتىپ كەلگىن ئامرىقىم… VERSE 1 : MD قايتا-قايتا قايتىلاندى ئۆتكەن كۈنلەر كاللامدا… مۇھاببەتنىڭ شىرىن تەمى ئاپىرىپ چۆلگە تاشلامدا ؟ ۋەدىلەرنى بېرىشكەن ھە ئەسلىمە بولۇپ قالامدا ؟ ئايرىلىشنىڭ ئاچچىق تەمى يۈرەكلەنى يارامدا ؟! ئىشەنچىمگە ئېرىشتىڭ سەن بارلىقىمنى ئاتىغان ، ئۆزەمچە شۇ ۋەدەم بىلەن ئۇلىمىزنى چىڭدىغان . شۇندىن باشلاپ بۇ يۈرۈكۈم ئۆزگە بىرىگە سوقمىغان ، ۋاپاسىز دەپ ئاتىدۇقمۇ يىرىم يولدا تاشلىغان . كىم ئويلىغان ھىكايىمىزنىڭ تىراگىدىيە بولۇشىنى ، ھەممە ئاشىق ئارزۇ قىلىدۇ ئۆز يارىنىڭ خۇشال تۇرۇشىنى . توغرا بەلكىم ئېيتقىنىڭ ھەممىنى باشتىن خاتا قىلغان ، سېنىڭ تاتلىق كۈلكەڭ ئۈچۈن بارچە مېھىرنى ئاتا قىلغان . ئۆتتى شۇنداق نەچچە قىش سېغىنىپ سېنى كۈنلۈرۈم ، ئىچىم ئاچچىق ياتالمايمەن ھەسرەت چىكىپ تۈنلۈرۈم . قايسى بىر كۈچ ئېلىپ كەتتى سېنىڭ ساددا قەلبىڭنى ؟ قولۇمنى سۇندۇم تاتاي دىدىم ئەپسۇس قولۇڭ كەلمىدى . ئىزچىل شۇنداق ياتمىتى ؟ مەندىكى يۈرەك بىر ساڭا ، ئۆزەم يىشەي شۇ چىگىشنى ئىچىڭدىكىنى ئېيت ماڭا . مەندىكى شۇ ساپ نىيەت ئازاپ ئىلىپ كەلگەنما ؟ ساراڭلارچە كۈلۈشكىنىمىز سېنىڭچە بولسا يالغانما ؟ يالغۇزلۇقتا ئۆتكۈزىۋەتتىم سىنى ساقلاپ نەچچە يىل ، نەچچە رەت مەن ئۇرۇپ قويدۇم يۈركۈم ئەمدى بولدى قىل ! مېنىڭلا ئەمەس گۆش يۈرەكنىڭ ئىزچىل شۇنداق تاللىشى ، كۆڭلۈڭ بولسا قوقماي دەۋە شۇ يۈرەكنىڭ خاھىشى… VERSE 2 : RiTSAR مۇھاببەتكە بىز تەشنا زەخمە بولسىمۇ ، چۈشىدىكەنمىز توزاق قۇرۇپ لەخمە كولىسىمۇ . قەلبىمىزگە بەخىت ياكى ئازاپ تولسىمۇ ، سۆيگۈنىمىز راستچىل ھەتتا كاززاپ بولسىمۇ ! ئاتتى تاڭلار ئۆتتى كۈنلەر بىرسى قوغلاپ يەنە بىرىنى ، پاتتى ئايلار كۈتتى تۈنلەر ئاشىق-مەشۇق بىر-بىرىنى . ئىزدەشلىرىڭ ئازلاپ كەتتى ۋاقىتلار ئۆتكەنسىرى ، كۆزدىن يىراق كۆڭۈلدىن يىراق بوپ قالدۇقمۇ ئاخىرى ؟ ئەتىرگۈلنىڭ تىكىنى بار دەپ يۈرەككە مىختەك سانجىلىپ ، تۆمۈر كەبى كۆڭۈل بولسىمۇ ئىگىلىپ سوقۇلۇپ يانجىلىپ . بىللە سوققان ئىللىق يۈرەكلەر ئىككى تەرەپكە قايرىلىپ ، بىرئۆمۈر دەپ قەدەم باسقانلار سەپەرنىڭ بېشىدا ئايرىلىپ… چىن يۈرەكتىن سۆيەتتىم سېنى تاشلاپ كەتتىڭ يىراققا ، ئوتلۇرۇڭدا كۆيدۈرۈپ مېنى قالدۇرۇپ ئىشقى پىراقتا . ئۆتتى نۇرغۇن ۋاقىتلار ، ئۆچتى يانغان چىراقلار ، سەندىن ئايرىلغان كۈندىن باشلاپ تۈگىشىپ كەتتىم بىراقلا ! ئىلتىماسىم قايتىپ كەلگىن بىز قايتىدىن باشلايلى ، ئىز قالدۇرغان كونا يولغا يېڭىچە قەدەم تاشلايلى . توي قىلايلى تېز ! ئۆيگە مېھمانلارنى باشلايلى ، ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە بىز بىللە ياشايلى . X2 كونا جايدا سېنى ساقلايمەن ، ئۆتۈنەي جېنىم ! ئەمدى يېنىمغا قايتىپ كەلگىن ، قايتىپ كەلگىن…