Arranger: Ablat Awut
ئاپپاق ئايدىڭ كېچىدە
ماڭدۇق يولنىڭ چېتىدە
يارىم بىلەن مۇڭداشتۇق
باغدا گۈللۈك ئىچىدە
چالغان ئىدىم گىتتارنى
شوخ يۈرەكنى ئويغۇتۇپ
مەپتۇن قىلىپ جىلۋىسى
مۇھەببەتنى ئويغۇتۇپ
بىزگە قاراپ زوقلىنىپ
كۆز قىسقان ئاي چولپانمۇ
قايغۇ بىلەن ئايرىلدۇق
كۆرۈشەرمىز قاچانمۇ
خوش دىدىڭ كېتەر چاغدا
ياش ئەگىپ كۆزلەرىڭدىن
لەۋ يېقىپ تۆككەن يېشىڭ
سىرغىپ چۈشتى مەڭزىمدىن
خوش دىگەچ ياغلىقىڭ
يەلپۈنەر قولۇڭدا
بىز ئىككىمىز سۆيگۈسىگە
ئاھ كېچە بولسۇن گۇۋاھ
بىز ئىككىمىز ئايرىلغاندا
چىققانتى مەيىن شامال
ھېچ كىشىدىن ئاغرىنمايمەن
ئايرىلىشقا يوقتۇر ئامال .
ئايرىلساقمۇ ئىككىمىز
ئايرىلمايدۇ مۇھەببەت
مەن يۇلتۇزغا قارايمەن
سەن شامالدىن خەت ئەۋەت
چالغان ئىدىم گىتتارنى
شوخ يۈرەكنى ئويغۇتۇپ
مەپتۇن قىلىپ جىلۋىسى
مۇھەببەتنى ئويغۇتۇپ
بىزگە قاراپ زوقلىنىپ
كۆز قىسقان ئاي چولپانمۇ
قايغۇ بىلەن ئايرىلدۇق
كۆرۈشەرمىز قاچانمۇ
تامام