كۆڭلى قارا جاناندىن تويدۇم.
سۆيگۈ بىلمەس ناداندىن تويدۇم ,
بىۋاپا يار قالدۇرۇپ كەتكەن ,
يۈرەكتىكى ھىجراندىن تويدۇم ,
Music,
ئىشەنگىنىم بىۋاپا ئىكەن ,
يۈرۈگۈمگە سانجىلدى تىكەن ,
ئىشەندۈرۈپ يالغان ۋەدىگە ,
ئازاپلارغا سالغاندىن تويدۇم ,
Music,
ياش تۆكسەممۇ ھەربىر قەدەمدە ,
تەنھا ياشاپ ئۆتەي ئالەمدە ,
شاختىن شاخقا قونۇپ ئۇيالماي ,
ئۆز يارىدىن تانغاندىن تويدۇم 。