Lyrics: Qeyserrozi
Music: Qeyserrozi
نېمە بولدى يارىم مېنىڭ ئەزىزەم
بۇ ھالىمنى ھېچ سورىمىدىڭ ئەجەب
قانمىدى يۈرەك سېغىندى باغرىم
يېنىمدىن قېچىپ كەلمىدىڭ ئەجەب
كۆزۈم يولۇڭدا سەنلا ئويۇمدا
ساقلىتىپ مېنى كەلمىدىڭ ئەجەب
ئىسمىڭ تىلىمدا ئاتەش تىلىمدا
خەۋەرىڭنى ھېچ بەرمىدىڭ ئەجەب
نۇرلۇق چىراغىم مېنىڭ ھەمراھىم
يىگانە قويۇپ تاشلىدىڭ ئەجەپ
باھار قۇشلىرى سايرايدۇ ئەمدى
سەن باھار بولۇپ كىلمىدىڭ ئەجەپ