Lyrics: Alxir
Music: Alxir
Arranger: Alxir
2024 سەندىن ئايرىلغاندىن باشلاپ .
ئۇيقۇ دېگەن نەرسە يوق ، كۆزلىرىمنى ياشلاپ .
قانداق قىلىشنى بىلەلمىدىم كۈندە كەچتە ھاراق ئىچىپ.
شۇنداق بىر يىغلىغۇم باتتى، ئۆزۈمنى بىر تاشلاپ .
سەندىن ئايرىلىپ نى كۈنلەرنى كۆرۈپ كەتتىم .
تارام تارام قان ئېقىپ قوللىرىمنى ئويۇپ كەتتى .
رەسىمىڭگە قارىسام ئىچىم بىر خىل ئېچىشىدۇ .
ھەبولدى نېمە دەي ئەمدى مۇھەببەتتىن تويۇپ كەتتى.
ئەسلەپ قويىمەن سېنى يولدا يالغۇز ماڭغاچ .
شۇنداق گۈزەل ئۆتكەن ئىدۇق قول تۇتۇشۇپ قايتقاچ .
تېلېفونۇمدا رەسىمىڭ ساڭا قاراپ كەيىپ ياتقاچ .
دەپتىرىم ئۇچۇپ كېتە تاماكىنى كۆچەپ تاتقاش.
2021 بۇ مۇھەببەت باشلانغان ئىدى .
بىر بىرسىمىزنى ھۆرمەتلەپ ، گۈزەل كۈنلەر داۋاملاشتى .
پۇلنىڭ كۈچى ئوخشايدۇ، كۈنلىرىممۇ تۇمانلاشتى .
2024 ئەپسۇس ، بۇ مۇھەببەت ئاياغلاشتى .
شۇنداق خۇشال ئۆتكەن ئىدۇق ، نۇرغۇن ئارزۇ پۈتكەن ئىدۇق .
خىيالىمىز ئۆزىمىز بىر بىرسىمىزگە چۆككەن ئىدۇق .
بىر بىرسىمىزگە كەمپۈت بېرىپ خۇشاللىقتا .
رەھمەت دەپ قويۇپلا مېھرى بىلەن كۈلگەن ئىدۇق .
كۆيگەن ئىدۇق، لېكىن خۇشال كۈنلەر نەگە كەتتى،
تۇيۇقسىزلا بوران كېلىپ بۇ كۈنلەرمۇ ئۇچۇپ كەتتى .
مېنىڭمۇ ئۈنۈم ، ئۈنۈم ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى .
ئۇ قىز بالا خەق بىلەن ئۇ مېنى ئۇنتۇپ كەتتى .
يالۋۇرغانتىم ساڭا ئەمدى بولدى خاپا بولما دەپ
لېكىن ماڭا دېدىڭ ئەمدى ئۆزۈڭنى ئاقلىما دەپ .
شۇنچىۋالا يالۋۇرسام تېلېفوننى بېسىۋەتتىڭ.
دۈت دۈت ئاۋاز چىقتى ئەمدى مېنى ساقلىما دەپ .
ئاۋازىڭنى ئاڭلىدىم شۇنچىلىك خۇش بولدۇم .
ئەپسۇس ، ئاسماندا قانىتى يوق قوش بولدۇم .
تۈنۈگۈن يولدا ماڭغاچ مۇھەببىتىڭ بىلەن كۆرۈپ قالدىم .
ئاشۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ ئۇۋۇلۇپ كەتكەن تۇش بولدۇم .
شۇندا كۈنلەرنى كۆرگەن ئىدۇق كۈندە كەچتە网吧 يېتىپ.
سېنى ئېلىش ئۈچۈن مەن، يايمىلاردا كىيىم سېتىپ .
شۇنچىۋالا قىلغان ئىدىم يەگە قويدۇڭ ئەقىدەمنى.
ئەپسۇس مېنى تاشلىۋەتتىڭ يۈرىكىمنى ئويۇپ كېتىپ .
ئاڭلىسام ئۇ ئۈزۈك سېلىپتۇ ، لېكىن مەن سالالمىدىم .
ئۈلۈشكۈن تويۇڭنى قىلدىڭ جۈرەتلىك بوپ بارالىدىم .
كۈلۈپ تۇرۇپ كۆردۈم يۇ لېكىن چاۋاك چالالمىدىم .
قول قويدۇم يامان ئىكەنسەن يۈرىكىمنىمۇ يارالىدىڭ.