Lyrics: Dilmurat Abdusalim
Arranger: Dilmurat Abdusalim
ئاينىڭ ئاپئاق شولاسىدەك ئېچىلىپ ئېچىلىپ .
ئاق مەرمەرىدەك بولۇتلارغا قوشۇلۇپ قوشۇلۇپ
كىرپىكلىرىڭ تۇرسۇن جانىم تۆكۈلۈپ تۆكۈلۈپ
كۆزۈم ئۈزەلمەسمەن سەندىن تىكىلىپ تىكىلىپ
…
ئايلان ئايلان ئايلان گۈزەلىم
پەرۋانە بولۇپ ئەتراپىمدا ئايلان گۈزەلىم
…
ئاسماندىكى يۇلتۇز بولۇپ چېچىلىپ چېچىلىپ
كۆڭۈل باغۇ گۈللەردەك ئېچىلىپ ئېچىلىپ
كىرپىكلىرىڭ تۇرسۇن دائىم تۆكۈلۈپ تۆكۈلۈپ
كۆزۈم ئۈزەلمەسمەن سەندىن تىكىلىپ تىكىلىپ
…
ئايلان ئايلان ئايلان گۈزەلىم
پەرۋانە بولۇپ ئەتراپىمدا ئايلان گۈزەلىم
…
دائىم يالغۇز يۈرەرمەن
پەقەت سەندىن تىلەرمەن
مېنى جان دەپ سۆيگۈچى
بىر قارا كۆزنى ئىزدەيمەن
…
ئابى كۆز ، شەھلا كۆز ۋە قارا كۆزلەر
مېنىڭ ئۈچۈن ئەڭ گۈزەلىم رەنانى كۆزلەر
ئۇزۇن چاچ قارا چاچ مېنىڭ سۆيگۈنۈم
مېنىڭ ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل ئىنسان بولغىنى
…
ئاختۇرۇپ تاپالماسمەن
پەقەت سەندىن تىلەرمەن
مېنى جان دەپ سۆيگۈچى
يارنى ھېچ تاپالماسمەن