Dunya Dunya

Lyrics: HeiJun Music: HeiJun Arranger: HeiJun بىز ئىككىمىز يېنىپ كۆيگەن كەبى ،, كۆيمەس بىرى سۆيگۈ ئۈچۈن . شۇنچە شېرىن شۇنچىلىك تەبى ،, سۆيگۈگە يار يەتتۇق بۈگۈن . دىل رىشتىمىز تاپار ۋىسال ،, مەن گۈل بولۇپ سەنكى باھار . ھەر كۈنىمىز ئۆتتى خۇشال ،, سەن ئىنتىزار مەن ئىنتىزار . بىزگە ۋىسال ئاچار قۇچاق ،, غەم قايغۇلار يىراق . يانار دىلىمدا گۈلخان بولۇپ ،, بۇ شېرىن ئوت پىراق . دەريا دەريا بولۇپ ئاقىمەن ،, دۇنيا دۇنيا بولۇپ يانىمەن . ساڭا ھەمرا بولۇپ ئۆتىمەن يار . دەريا دەريا بولۇپ ئاقىمەن ،, دۇنيا دۇنيا بولۇپ يانىمەن . ساڭا ھەمرا بولۇپ ئۆتىمەن يار . Music, ئۆتسە كۈنۈم يەنە سەن بىلەن دايىم،, ھايات ماڭا شۇنچە گۈزەل . سۆيگۈ ئۈچۈن سوقسۇن بۇ يۈرەك ،, سەن ماڭىلا پۈتكەن غەزەل . بارىمنى ئال بېرەي ساڭا ،, يانىمدا قال قەدرىم ئۈچۈن . تەغدىر سىنى بەردى ماڭا ،, جېنىم پىدا بەختىم ئۈچۈن . بىزگە ۋىسال ئاچار قۇچاق ،, غەم قايغۇلار يىراق . يانار دىلمدا گۈلخان بولۇپ ،, بۇ شېرىن ئوت پىراق . دەريا دەريا بولۇپ ئاقىمەن ،, دۇنيا دۇنيا بولۇپ يانىمەن . ساڭا ھەمرا بولۇپ ئۆتىمەن يار . دەريا دەريا بولۇپ ئاقىمەن ،, دۇنيا دۇنيا بولۇپ يانىمەن . ساڭا ھەمرا بولۇپ ئۆتىمەن يار . دەريا دەريا بولۇپ ئاقىمەن ،, دۇنيا دۇنيا بولۇپ يانىمەن . ساڭا ھەمرا بولۇپ ئۆتىمەن يار . دەريا دەريا بولۇپ ئاقىمەن ،, دۇنيا دۇنيا بولۇپ يانىمەن . ساڭا ھەمرا بولۇپ ئۆتىمەن يار 。